باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا خەۋەرلەر
2008- 05- 28 10:52 شىنجاڭ گېزىتى

     *جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ 27 – ماي ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىكى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمىزنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋۇ داۋېي بېيجىڭدا چاۋشيەن، ئامېرىكا، كورىيە، ياپونىيە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، دېدى.

      *پاكىستان ‹‹خەۋەرلەر›› گېزىتىنىڭ 27 – مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان ھۆكۈمىتى 26 – ماي غەربىي شىمالنىڭ بىر قەبىلە رايونىدىكى قوراللىق تەشكىلات بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. بۇ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قوراللىق تەشكىلات بىلەن ئىمزالىغان ئىككىنچى تىنچلىق كېلىشىمى.

      *ئىران 8 – نۆۋەتلىك پارلامېنتى 27 – ماي رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. يېڭى پارلامېنت ئەزالىرى ئىران قانۇنى بويىچە مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئادا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم بەردى.

     *ئىسرائىلىيە ئەمەلدارىنىڭ 26 – ماي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئولمېرت 26 – ماي پارلامېنتنىڭ بىر كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا ئىسرائىلىيە سۇرىيىگە گولان ئېگىزلىكىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھېچقانداق ۋەدە بەرمىگەنلىكىنى ئېيتقان، بىراق ئۇ سۇرىيىگە خېلى زور دەرىجىدە يول قويماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى  
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ