|
ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنى 27 – ماي چۈشتىن كېيىن ئېچىلدى.

ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەن يۇڭنىڭ كادىرلارنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش تەكلىپى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى(لايىھە)››نى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زاۋۇت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش نىزامى (لايىھە)››توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى (تۈزىتىلگەن لايىھە)›› توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر قائىدىسى (لايىھە)›› توغرىسىدىكى ئىزاھاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى باشقۇرۇش نىزامى››نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى
دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى››نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرگەنلىك ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەتنىڭ باھا تەڭشەش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى خىزمىتىنى تەكشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقرالارنىڭ مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكلاتى››نى قاراپ چىققاندا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى تۈزەتكەنلىك ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جاڭ گولياڭ، ئالپىسباي راقىم، دۇچىنرۈي، نەيىم ياسىن، مەمتىمىن ياسىن، چۆجۈپ، ما مىڭچېڭ ۋە باش كاتىپ نىشان ئىبراھىم يىغىنغا قاتناشتى.
|