باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
2008 – يىللىق جۇڭگو يېنىك ئاتلېتكا ئاشكارە مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى
2008- 05- 27 16:23 تەڭرىتاغ تورى

      22 – ماي باشلانغان ‹‹ئامەتلىك بېيجىڭ ››2008 – يىللىق جۇڭگو يېنىك ئاتلېتكا ئاشكارا مۇسابىقىسى 25 –ماي غەلبىلىك ئاياغلاشتى . بۇ مۇسابىقىدە ئېلىمىز ماھىرلىرى 29 تۈردە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى . سۇدان ، ئاۋسترالىيە ، مالايسىيا ، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ماھىرلارنىڭ نەتىجىسىمۇ ياخشى بولدى . مۇسابىقە جەريانىدا جەريانىدا سىچۈەندىكى ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى ، كىشلەر بەس – بەستە ئاپەت رايونىغا ئىئانە توپلىدى .

     بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ھەممە كۆز تىككەن ئېلىمىزنىڭ داڭلىق يېنىك ئاتلېتكا ماھىرى ليۇ شياڭ ئەرلەرنىڭ 110 مېتىرغا توساقتىن ئاتلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە 13 سېكۇنت 18 دەقىقىلىك نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولدى . 

      

سىچۈەن ماھىرلىرى سەھنىدە

 بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە سىچۈەن ماھىرلىرىنىڭ ئەرلەر 400 مېتىرغا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇشى تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى . ئېلىمىز ماھىرلىرى ۋە تاماشىبىنلارلا ئەمەس ، باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ماھىرلار ۋە تاماشىبىنلارمۇ ئۇلارنىڭ غەلبىسىنى تەنتەنە قىلدى ھەمدە ئۇلارنىڭ سىچۈەندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يۈرت –ماكانىنى قايتا قۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى نامايەن قىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولدى .  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ