|
تاجىكىستان ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ 2015 ـ يىلىدىن ئىلگىرى مائارىپ تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ئىستىراتېگىيىسىنى مەخسۇس تۈزۈپ چىقتى. تاجىكىستانىڭ مەزكۇر ئىستىراتېگىيىسىنى تۈزۈپ چىقىشتىكى مەخسىدى خام چوت ۋە خامچوتتىن سىرتقى مەبلەغدىن ئۈنۈملۈك پايدىىلىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ، دۆلەتنىڭ بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلااندۇرۇشقا نىسبەتەن ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛ ئۈمۈرۋايەت تەربىيىلىنىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش؛ ئىجادىي تەپەككۇرغا ۋە مول بىلىم سەۋىيىگە ئىگە بولغان ، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان يۇقىرى ساپالىق گىراژدانلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش.
تاجىكىستان مائارىپ تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكى 10 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1ـ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئوقۇتۇش پىلانى ۋە پىروگىرامىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئىسلاھ قىلىش؛
ئادەتتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ ئوقۇتۇش پىلانى ۋە پىروگىرامىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئىسلاھ قىلىش،
دەسلەپكى دەرىجىلىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ئوقۇتۇش پىلانى ۋە پىروگىرامىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئىسلاھ قىلىش؛
ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ئوقۇتۇش پىلانى ۋە پىروگىرامىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئىسلاھ قىلىش؛
2 ـ مائارىپنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش،
3 ـ خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئاپپاراتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مائارىپ پىلانىنى يۈرگۈزۈشكە قاتناشتۇرۇش.
4 ـ مائارىپ مۇلازىمىتى ۋە ئۇنى باھالاشنىڭ ئۆلچەم سىستېمىسىنى تەتقىت قىلىپ تۈزۈپ چىقىش، مائارىپ مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، ھەر خىل خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش.
5 ـ مائارىپ پىلانى ۋە پۇل ئاجرىتىش مېخانىزىمىنى ئىسلاھ قىلىش.
6 ـ ئاساسىي مۇئەسسەسەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش.
7 ـ، مائارىپ ئاپاراتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش.
8 ـ، دۆلەتنىڭ قائىدە ـ نىزاملىرىدىكى ماددىلارغا ئاساسەن، مائارىپ تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشقا يېتەكلەش.
9 ـ مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۇسۇلىنى بەلگىلەش.
10 ـ مائارىپ تۈزۈمىگە قارىتا ئۇزۇن مۇددەت ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىستىراتېگىيىسىنىڭ خىراجەت ئېھتىياجى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش.
ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكى تۆت تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1 ـ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش.
2 ـ، ئادەتتىكى ئوتتۇرا دەرىجىل مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش.
3 ـ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش
4 ـ ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش.
|