باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا خەۋەرلەر
2008- 05- 27 11:00 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      ·ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ خەلقئارا ئىشلارغا مەسئۇل مىنىستىر ياردەمچىسى  كلاي روئېل 26 – ماي ئۆتكۈزۈلگەن چەتئەللىك مۇخبىرلار كلوبى پائالىيىتىدە مۇنداق دېدى: ‹‹ئامېرىكا فېدىراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ۋە ھەر قايسى ئەللەردىكى مەركىزىي بانكىلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، ئامېرىكىدىكى ئىككىلەمچى كىرىدىت كىرىزىسىدىن پەيدا بولغان كىرىدىت قىسلىقى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا›› .

     ·ياپونىيىدە چىقىدىغان‹‹ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى››نىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ھوقوق كومىتېتىنىڭ ئاشلىق مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئالاھىدە قارارىدا، ‹‹بىئولوگىيىلىك يېقىلغۇلارنىڭ زور مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىشى— ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى تۈپ سەۋەپ ھىساپلىنىدۇ›› دېيىلگەن ھەمدە بىئولوگىيىلىك يېقىلغۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياردەم سىياسەتلىرىنى توڭلىتىش تەشەببۇس قىلىنغان.

     ·ئىراندا چىقىدىغان ‹‹دۇنيا گېزىتى››نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران نېفىت مىنىستىرلىكىدىكى بىر ئەمەلدار يېقىندا مۇنداق دېگەن: ‹‹ئىران 2009–يىلى 3– ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى، كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 4 مىليون 300 مىڭ تۇڭغا يەتكۈزىدۇ›› .  

     ·يېڭى زىلاندىيە سودا–سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن يېڭى زىلاندىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى ھەمدە كېلىشىم يولغا قويۇلغاندىن كېيىن تېزدىن مەنپەئەتكە ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېڭى زىلاندىيە دىپلماتىيە ۋە سودا مىنىستىرلىكى، يېڭى زىلاندىيە سودا كارخانىلىرى ئىدارىسى تۈنۈگۈندىن باشلاپ، يېڭى زىلاندىيىدىكى 5 ئاساسلىق شەھەردە سەييارە تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

      ·روسىيىنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ 26 –ماي موسكۋادا مۇنداق دېدى: ‹‹روسىيە بۇ يىل 6–ئايدا پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش خەلقئارا يىغىنىغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدۇ›› .

      ·26– ماي—ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى يولغا قويغان خاتا سىياسەتلىرى ئۈچۈن يەرلىك ئاھالىلاردىن ئەپۇ سوراش كۈنى بولۇپ، ئاۋستىرالىيىدىكى يەرلىك ئاھالىلارنىڭ رەھبەرلىرى ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتىدىن يەرلىك ئاھالىلارغا ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

     ·كېنىيىدە چىقىدىغان ‹‹تۇغ گېزىتى››نىڭ 26 – مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شەرقىي ئافرىقا ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا 5 دۆلەت جەمئىي 230 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ پۇللار ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇلۇق كۆل— ۋېكتورىيە كۆلىنى قوغداشقا ئىشلىتىلىدىكەن.

     ·كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭسىن 26 – ماي مۇنداق دېدى: ‹‹كامبودژا مۇشۇ ئاينىڭ 27– كۈنىدىن باشلاپ، گۈرۈچ ئېكىسپورتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئىككى ئاي داۋاملاشقان گۈرۈچ ئېكىسپورت قىلىشنى چەكلەش بويرۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ›› .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ