|
فىنلاندىيە ‹‹فىيدا›› خەلقئارا تەشكىلاتى يېقىندا، قەشقەر تېببىي مەكتىپىدىكى ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر 20 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 1500 يۈەندىن ئوقۇش ياردەم پۇلى بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ تەشكىلات بىر قانچە يىلدىن بۇيان يوپۇرغا، مەكىت، يېڭىشەھەر ناھىيىلىرىدىكى 1000 دىن ئارتۇق يېزا، كەنت دوختۇرىنى ساغلاملىق تەربىيىسى بويىچە تەربىيىلەش، يېزا ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بەرگەندىن سىرت، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق دېھقانلارغا ساغلاملىق تەربىيىسى بەرگەن. بۇ قېتىم قەشقەر تېببىي مەكتىپىدىكى ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىشى ئۇلارنىڭ يەرلىكنىڭ سەھىيە، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشىغا ئىلھام بېرىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ تەشكىلات بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قەرەللىك ھالدا بۇ مەكتەپتىكى ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارغا داۋاملىق ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىدىكەن.
|