|
ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىپ، ئۆگىنىشتە، ئەخلاقتا نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىغا تېخىمۇ ئىلھام بېرىش مەقسەت قىلىنغان، ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليون يۈەنلىك ‹‹يىڭجيەن قۇياش نۇرى ئوقۇش مۇكاپاتى›› تەسىس قىلىندى.
بۇ مۇكاپاتنى شىنجاڭ ‹‹يىڭجيەن›› ئۆي – مۈلۈك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەسىس قىلغان بولۇپ، مۇكاپات ‹‹يىڭجيەن قۇياش نۇرى ئوقۇش مۇكاپاتى››، ‹‹يىڭجيەن قۇياش نۇرى ئوقۇش ياردىمى›› ۋە ‹‹يىڭجيەن قۇياش نۇرى ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى›› دىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. بۇ مۇكاپات ئۆگىنىش ۋە ئەخلاقتا ياخشى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار، ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلار، تەنتەربىيە، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى جەھەتتە نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مۇكاپات ھەر يىلى 200 مىڭ يۈەندىن ئۇدا بەش يىل بېرىلىدىكەن، ھەر يىلى 40 ئوقۇغۇچى 2000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدىكەن.
|