باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
پەيزاۋات ناھىيىسىدە‹‹قوش تىل››ئوقۇتۇشىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولماقتا
2008- 05- 27 09:56 شىنجاڭ گېزىتى

      پەيزاۋات ناھىيىسىدە بۇلتۇردىن بۇيان ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى چىڭ تۇتۇلۇپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى.

     بۇ ناھىيىدە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى چىڭ تۇتۇلۇپ، ئۇنىڭ دائىرىسى ناھىيىدىن يېزا – بازار، كەنتلەرگىچە، ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرگىچە كېڭەيتىلدى. 2 مىليون 762 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان ناھىيىلىك مەركىزىي ‹‹قوش تىل›› مەكتىپىنىڭ 1 –  باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى تاماملاندى ۋە ئۇنىڭغا تۈرلۈك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇقلاندى. مىللىي،خەنزۇ يەسلىلىرى بىرلەشتۈرۈلۇپ، مىللىي، خەنزۇ بالىلىرى ئارىلاش ئوقۇيدىغان سىنىپلار ئېچىلدى. 200 دىن كۆپرەك ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ستۇدېنتلار ‹‹قوش تىل››ئوقۇتقۇچىلىقىغا سەپلەندى. 600 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى (قېتىم) ئۆز ئورنىدا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ‹‹قوش تىل››سەۋىيىسى ئۆستۈرۈلدى.  نۆۋەتتە، ناھىيە بويىچە 73 ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان ‹‹قوش تىل ››دا ئوقۇتۇش سىنىپى 222 گە، ئوقۇغۇچىسى 8322 گە يېتىپ،  ئومۇمىي مىللى ئوقۇغۇچىنىڭ %12.2 ىنى ئىگىلىدى. يېزا، كەنتلەردە ئېچىلغان ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ‹‹قوش تىل››لىق يەسلى 79 غا، تەربىيىلىنىۋاتقان بالا 2389 غا يەتتى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ