باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
غەرب داۋاملىق قۇتقۇزۇش ياردىمى ئارقىلىق بىرمىغا بېسىم ئىشلەتمەكتە
2008- 05- 27 09:44 شىنجاڭ گېزىتى

     بىرما 2 – ماي ئاز ئۇچرايدىغان قارا بوران ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن بۇيان، غەرب دۆلەتلىرى بىرما ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا قۇتقۇزۇش ياردىمىگە توسالغۇلۇق قىلدى، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ‹‹رەھىمسىزلىك››، دەپ ئەيىبلىدى. ب د ت باش كاتىپى بان كىمون 12 – ماي كۈچلۈك ئىبارىلەر ئارقىلىق ‹‹(بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ) ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى كېچىكتۈرۈش قىلمىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ››، دەپ تەنقىد قىلدى. كۈندىن – كۈنگە كۈچىيىۋاتقان خەلقئارا بېسىم ئاستىدا بىرما ھۆكۈمىتى 12 – ماي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى بېسىلغان ئامېرىكا ئايروپىلانىنىڭ چېگرىدىن كىرىشىگە يول قويدى. بىراق چەت ئەل قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا ئېھتىياجلىق ئەمەس، دېگەن گېپىدە يەنىلا چىڭ تۇردى.

     فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 13 – مايدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بىرمىنىڭ بوران ئاپىتىگە ئۇچرىغىنىغا 11 كۈن بولغان بولسىمۇ، گۈرۈچ ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان دېلتا رايونى دېڭىزغا ئايلاندى، نۇرغۇن ئادەم ۋە ھايۋاننىڭ جەسىتى سۇدا لەيلەپ قالدى، بەزىلىرى سېسىشقا باشلىدى. بىرمىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ياڭگۇاڭ بىلەن دېلتا رايونى ئارىلىقىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان مىليونلىغان كىشى تىلەمچىلىك قىلىۋاتىدۇ. قورسىقى ئېچىپ ھالىدىن كەتكەن ئامان قالغۇچىلار تولغاق، ئۆپكە ياللۇغى، يىلان چېقىۋېلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە.

     بىرما 13 – ماي 34 مىڭ كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان، بىراق ب د ت نىڭ مۆلچەرلىشىچە، قازا قىلغانلار 630 – 100 مىڭ كىشى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى قەھەتچىلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق قۇتقۇزۇش تەشكىلاتلىرى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، 1 مىليون 500 مىڭدىن 2 مىليونغىچە كىشىنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىشى مۇمكىن، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

     ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 13 – مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىككى ترانسپورت ئايروپىلانى بىرمىغا بارغان، بۇ بوران ئاپىتى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا ترانسپورت ئايروپىلانىنىڭ بىرمىغا كىرىشىگە تۇنجى قېتىم يول قويۇلۇشى.

     ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، بۇ بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بىرمىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلۇشى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدىكى ياردەم بېرىش ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تۇنجى ئايروپىلانى ياڭگۇاڭغا بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش كولۇمبىيە رادىئو شىركىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بىرما ھۆكۈمىتىنى يەنە تەنقىد قىلىپ، ‹‹ئۇلار زور ئاپەتنى ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ، دۇنيانىڭ ياردەم بېرىشىگە يول قويمايۋاتىدۇ، ئۇلار مەيلى يېتىم قالغان بولسۇن، مەيلى رەھىمسىز بولسۇن، ياردەمنى كېچىكتۈرۈش تۈپەيلىدىن نۇرغۇن كىشى ئۆلۈپ كېتىدۇ››، دېدى.

     ب د ت باش كاتىپى بان كىمون 12 – ماي بىرمىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى تېزلىتىشىنى ھەم چەت ئەل قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرمىغا كىرىشىگە دەرھال يول قويۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. بان كىمون بىرمىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ‹‹چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ھەم زور ئەپسۇسلانغانلىقى›› نى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: تېخىمۇ كۆپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى ۋە خادىملىرى بىرمىغا دەرھال كىرمەيدىغان بولسا، يۇقۇملۇق كېسەل يامراپ، ھازىرقىدىنمۇ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ‹‹بۇ سىياسىي بىلەن مۇناسىۋەتسىز، كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا چېتىلىدىغان مەسىلە، ۋاقىت ئىسراپ قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ››. ب د ت باش كاتىپىنىڭ مەلۇم دۆلەتنىڭ نامىنى ئاتاپ تۇرۇپ تەنقىد قىلىشى ئاز ئۇچرايدۇ. بان كىمون بىرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى، دۆلەت تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ رەئىسى دەن رۈي بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئىزچىل رەت قىلىنغان، بان كىموننىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى ب د ت نىڭ ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى يېتەرلىك ياردەم  بىلەن تەمىنلىيەلمىگەنلىكىدىن نارازى بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ