باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
بۇش ئوتتۇرا شەرق سەپىرىدە ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى
2008- 05- 27 09:43 شىنجاڭ گېزىتى

     ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش 13 – مايدىن 18 – مايغىچە ئىسرائىلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە مىسىردا زىيارەتتە بولدى. بۇ، بۇشنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە بۇ يىل ئىككىنچى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى. ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش؛ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادا نېفىت باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش؛ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچىلىق مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشنى كۆڭلىگە پۈككەن. بىراق بۇ قېتىمقى زىيارەت ۋاقتى ‹‹تازا بىئەپ چاغ›› قا توغرا كەلگەچكە، ئۇنىڭ بەش كۈنلۈك ئوتتۇرا شەرق سەپىرىنىڭ ئۈنۈمى تازا ياخشى بولمىدى.

     بۇلتۇر 11 – ئايدا بۇش ئانناپولىستا ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە خەلقئارا يىغىن چاقىرىشنى تەشەببۇس قىلغاندىن بۇيان، بۇش ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەمچىلىرى ئوتتۇرا شەرقتە كۆپ قېتىم زىيارەتتە بولغان بولسىمۇ، بىراق ئانچە چوڭ نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.

     بۇش ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقاندا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى شەھەرلەر ۋە غەززە شەھىرىدىكى پەلەستىنلىكلەر كەڭ كۆلەملىك نامايىش ۋە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، 60 – قېتىملىق ‹‹كۈلپەت كۈنى››نى خاتىرىلەپ، بۇشنىڭ بۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلغانلىقىغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى.

     مىسىردىكى سىياسىي تەھلىلچى دوكتور خەدىچە يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇش ‹‹تازا قاملاشمىغان›› ۋاقىتتا زىيارەتكە كەلدى، چۈنكى ئۆتكەنكى ئون نەچچە يىلدا ئەرەب دۇنياسى يەتكۈچە ئازاب – ئوقۇبەت تارتتى، دېدى.

     ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى بېسىمىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلىش بۇشنىڭ زىيارەتكە كېلىشىدىكى يەنە بىر مەقسىتى. بىراق بۇش رىيادقا كەلگەن كۈنى ئامېرىكىنىڭ گولدمان ساچس شىركىتى كېيىنكى يېرىم يىلدا نېفىت باھاسىنى يۇقىرى مۆلچەرلەپ قويغانلىقتىن، نيۇ – يورك بازىرىدا نېفىت باھاسى بىردىنلا ئۆرلەپ، بىر باك نېفىتنىڭ باھاسى 127.82 دوللارغا چىقىپ، 1983 – يىلىدىكى نېفىت قەرەللىك مال سودىسى باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سودا رېكورتى يارىتىلدى. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت ۋەزىرى نەيىم سەئۇدى ئەرەبىستانى بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 300 مىڭ باك كۆپەيتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەھسۇلاتنى كۆپەيتىشى پەقەت سىمۋول خاراكتېرلىك بولۇپ، خەلقئارادىكى ئىزچىل ئۆرلەۋاتقان نېفىت باھاسىنى تەڭشەشكە ئانچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن.

     ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچىلىق مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇشنىڭ مىسىردا زىيارەتتە بولۇشى مىسىر ياراشتۇرۇۋاتقان پەلەستىن – ئىسرائىلىيىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى قاتمال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ۋاقىتقا توغرا كەلدى. مىسىرنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن پەلەستىندىكى خاماس باشچىلىقىدىكى گۇرۇھلار بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. 12 – ماي مىسىر ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۇلايمان ئىسرائىلىيىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئىسرائىلىيىگە بۇ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى تاپشۇرغان. بىراق ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا دائىر يېڭى شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىگە 2006 – يىلى غەززەدىكى قوراللىق كۈچلەر تۇتقۇن قىلغان ئىسرائىلىيىلىك ئەسكەرلەرنى قويۇپ بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى قوشۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى توقۇنۇش داۋاملىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ خادىمى تالاپەتكە ئۇچرىغان.

     تەھلىلچىلەر مۇنداق كۆرسەتتى: يەنە يېرىم يىلدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان بۇشنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سالاھىيىتىدە ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولۇش پۇرسىتى ئانچە كۆپ بولمايدۇ. ئۇنىڭ بۇ قېتىم پەلەستىن – ئىسرائىلىيە تىنچىلىق سۆھبىتىدە قاتمۇقات قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەس بولغان، خەلقئارادىكى نېفىت باھاسى يەنىلا يۇقىرى بولۇۋاتقان پەيتتە ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولۇشى ‹‹تازا بىئەپ چاغ›› قا توغرا كەلگەچكە، ماھىيەتلىك نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكى  ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى چېگىش، مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، بۇشنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىشىغا تۈرتكە بولۇش مۇمكىنچىلىكى ئانچە چوڭ ئەمەس.                 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ