باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورۇنلار جەمئىيەتتىن ئاشكارە ئىمتىھان ئېلىش شەكلى ئارقىلىق 5 مىڭ 376 نەپەر مەمۇر ۋە خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدىكەن
2008- 05- 26 11:35 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

        مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2008- يىللىق جەمئىيەتتىن ئاشكارە ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق، مەمۇر ۋە خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە- ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، مەمۇرلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىگە ئاساسەن باشقۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان ئورۇنلار جەمئىيەتتىن ئاشكارە ئىمتىھان ئېلىش شەكلى ئارقىلىق 5 مىڭ 376 نەپەر مەمۇر ۋە خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدىكەن. بۇ-- يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەمئىيەتتىن ئاشكارە ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق، مەمۇر ۋە خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل ھىساپلىنىدىكەن.
      بۇ قېتىمقى ئىمتىھان ئېلىشتا، توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 8دىن 6- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4كىچە بولىدۇ. نەق مەيداندا تىزىملاش ۋاقتى 5- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە يەنى ھەر كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 8دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4كىچە بولىدۇ. ئايرىم ساندىكى ئورگانلار نەق مەيداندا تىزىملاش ئېلىپ بارغاندىن باشقا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى توردا تىزىملاش ئېلىپ بېرىپ، شەخسلەر ئۇچۇرىنى يوللاش، رەسىم ئەۋەتىش، ھەق تاپشۇرۇش ۋە ئىمتىھانغا رۇخسەت قىلىش كېنىشكىسىنى چۈشۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تور ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىمتىھانغا قاتناشماقچى بولغانلار شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزىنىڭ تور پونكىتى WWW.xjrsks.com.cn ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.
      ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، جەمئىيەتتىن ئاشكارە ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق، مەمۇر ۋە خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلار ئاساسلىقى-- ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە- ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باج، سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، تۈرمە، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش قاتارلىق سىستېمىلار ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 4 ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى يېزا- بازارلىق ئورگانلاردىن ئىبارەت ئىكەن.
      ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاشمايدىغىنى شۇ بولدىكى، بۇ يىل، ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان بىر كىشى ئاساسلىق ئارزۇدىن بىرنى، تەڭشەشكە بولىدىغان ئارزۇدىن بىرنى تولدۇرسا بولىدىكەن. ئىمتىھان بېرىدىغان ئورۇنلاردا بوشلۇق كۆرۈلگەندە، تەڭشەشكە بولىدىغان ئارزۇغا ئاساسەن، نۇمۇرنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىك تەرتىپى بويىچە تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگانلار %50تىن يۇقىرى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئورگانلار ئۈچتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەك ئورۇنغا ئاساسىي قاتلامدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغانلارنى قوبۇل قىلىدىكەن. چەت، يىراق جاپالىق ناھىيە، يېزىلاردىكى مەمۇرلار قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 4 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى جاپالىق ناھىيە شەھەرلەردە %50تىن يۇقىرى ئورۇنغا ئۆز جايىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى قوبۇل قىلىدىكەن. ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك ئورگانلار %15 ئورۇنغا پىدائىي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى غەربىي رايون ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش قۇرۇلۇشى، ‹‹ 3نى قوللاش، بىرنى يۆلەش›› قۇرۇلۇشى، ‹‹ ھەممە كەنتتە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇش›› قۇرۇلۇشى خادىملىرىنى قوبۇل قىلىدىكەن.
      ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ‹‹ سىناش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان مەمۇرلار، ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلار، خىزمەتتىكى مەمۇرلار ئەڭ تۆۋەن مۇلازىمەت يىل چېكىگە يەتمىگەن بولسا، ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلغىنىغا 5 يىل بولمىغان مەمۇرلارنىڭ بۇ يىل ئىمتىھان بېرىشىگە بولمايدۇ ،›› دەپ بەلگىلىدى.
      ئىمتىھان بەرمەكچى بولغانلار 5- ئاينىڭ 26- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن كېيىن، شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تور پونكىتى، شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىختىساس ئىگىلىرى ئۇچۇرى تور پونكىتى WWW.xjrs.gov.cn ۋە شىنجاڭ كوئىنلۇن تورى WWW.xjkunlun.cn ئارقىلىق مەمۇر ۋە خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىنىدىغان ئورۇنلارنى سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ