|
توقسۇ ناھىيىسى توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىدا، ‹‹ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرنى تولۇقلاش››تا يېڭىلىق يارىتىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكەن دېھقان – چارۋىچى پەرزەنتلىرىنى ھەقسىز ئوقۇتۇش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
بۇ ناھىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان دېھقان – چارۋىچى پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىپلا قالماي، ئۇلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلىمۇ بەردى. بۇلتۇر 9 – ئايدىن بۇ يىل 5 – ئايغىچە، 600 دىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىدىن كەچۈرۈم قىلىنغان ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى850 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ئالاقىدار تارماقلار يەنە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يېزىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈچ يىللىق ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلدى، ھەر ئوقۇش مەۋسۇمىدا يېزىلىق ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ 400 يۈەن ئوقۇش پۇلىنى ناھىيە مالىيىسى، 100 يۈەن ئوقۇش پۇلىنى شۇ ئوقۇغۇچى تۇرۇشلۇق يېزا – بازارلار، ياتاق ۋە كىتاب پۇلىنى مەكتەپ ئۈستىگە ئالدى. بۇنىڭ بىلەن، دېھقان – چارۋىچى پەرزەنتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئۆرلەپ ئوقۇيالماسلىق ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىلدى.
|