|
17 – ماي چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ تەنھەرىكەت مەيدانىدا كەيپىيات جىددىي ھەم سۈرلۈك ئىدى. تاماشىبىنلار بۇ يىل يېڭى قىياپەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان شىنجاڭ ‹‹تەنتەربىيە لاتارىيىسى›› پۇتبول كوماندىسىنىڭ خېبېي ‹‹تيەنگۇڭ›› كوماندىسى بىلەن تېزرەك مۇسابىقىلىشىشىگە تەقەززا بولۇپ، مېھمان كوماندىغا ساھىبخانا كوماندا مەيدانىنىڭ سۈر – ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ قويۇشقا تىرىشىۋاتقان، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ رەقىبىنى يېڭىپ 2008 – يىللىق مەملىكەتلىكB دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئۆز مەيدانىدا تۇنجى قەدەمنى غەلىبىلىك باسقانلىقىنى كۆرۈشكە ئالدىراۋاتقان بولسىمۇ، مەيدانغا ئېگىز ئېسىلغان ‹‹بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرەيلى! يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، ئىرادىمىزدىن سېپىل ھاسىل قىلايلى!›› دېگەن خەتلەر يېزىلغان چوڭ لوزۇنكىغا كۆزى چۈشسىلا، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىختىيارسىز بىر خىل ئازاب تۇيغۇسى چىرمىۋالاتتى – دە، ھاياجانلىق كەيپىياتنىڭ ئورنىنى بىردىنلا سۈكۈت ئىگىلەيتتى. تاماشىبىنلار مۇشۇنداق مۇرەككەپ ھېسسىيات ئىلكىدە تۇرغان پەيتتە مۇسابىقە ئاخىر باشلاندى.
ھۆرمەتلىك تاماشىبىنلار، بۈگۈن بىز ئازابلىق ھېسسىيات ئىلكىدە بۇ يەرگە جەم بولدۇق، مۇسابىقە رەسمىي باشلىنىشىتىن بۇرۇن ھەممىمىز بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ، سىچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈرەيلى. كانايدىن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پۇتبول ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئىلھام نەسىردىننىڭ تىترەپ چىققان ئاۋازى ئاڭلاندى. مەيدانغا يىغىلغان 10 مىڭغا يېقىن تاماشىبىن ئورنىدىن تۇرۇپ، چەكسىز قايغۇ ۋە ئازاب ئىلكىدە سۈكۈتكە چۆمدى.
بىز بۈگۈنكى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بېلەتتىن قىلىنغان بارلىق كىرىمنى ئاپەت رايونىغا ئىئانە قىلىشنى، مۇسابىقە ئارىلىقىدا ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشنى قارار قىلدۇق، كۆپچىلىكنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
كۆپچىلىك ئىلھام نەسىردىننىڭ سۆزىگە قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى، بۇ ئالقىش سادالىرىغا تاماشىبىنلارنىڭ ھېسداشلىق، قوللاش، مەدەت ھېسسىياتلىرى سىڭىپ كەتكەنىدى.
مۇسابىقە باشلاندى. شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ‹‹شاكىچىك›› لەر تۇنجى قېتىم شۇنچە كۆپ تاماشىبىننىڭ ئالدىدا مۇسابىقە ئويناۋاتقانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى مەيداندىكى بايىقى سۈرلۈك كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىنمۇ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بىرئاز پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى ھەم ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا بىر توپ كەتكۈزۈپ قويدى. يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تەنھەرىكەتچى، ترېنېر، رېپىر ۋە ئالاقىدار خادىملىرى رەتلىك تىزىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتىدىكى خادىملار تەييارلىغان ئىئانە ساندۇقىغا ئاپەت رايونىدىكى قېرىنداشلىرىغا ئاتىغان خالىس ياردەم پۇللىرىنى بىر – بىرلەپ تاشلاشقا باشلىدى. كۆرۈش سۇپىسىدىكى ئىئانە ساندۇقىنىڭ ئەتراپىغىمۇ ئىئانە بېرىدىغانلار توپلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇلار ئارىسىدا ئىدارە – ئورگان، كوچا – مەھەللىلەردە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىئانە توپلاش پائالىيەتلىرىدە بىرنەچچە قېتىم ئىئانە بەرگەنلەرمۇ بار ئىدى. كۆپچىلىك ‹‹مەن ئىئانە بېرىپ بولدۇمغۇ، مەن سېتىۋالغان 20 يۈەن بېلەت پۇلى بەرىبىر ئاپەت رايونىدىكىلەرگە يەتكۈزۈلىدىكەنغۇ›› دېگەنلەرنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەستىن، ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە بەس – بەستە پۇل ئىئانە قىلىۋاتاتتى. 100 يۈەن، 50 يۈەن، 20 يۈەن، ئون يۈەن... ئىئانە ساندۇقىغا بىردەمدىلا 6262 يۈەندىن كۆپرەك پۇل يىغىلدى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن، ئىئانە توپلاش پائالىيىتىدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەردىن ھاياجانلانغان شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەر ئۆزلىرىگە مەدەت بېرىشكە كەلگەن ئاق كۆڭۈل، مېھرىبان قېرىنداشلىرىنى نائۈمىد قالدۇرغۇسى كەلمىدىمۇ ياكى مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك بىر مەيدان مۇسابىقىنى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە ئاچچىق ئەسلىمە قالدۇرۇشنى خالىمىدىمۇ، بىردىنلا باشقىچىلا جانلىنىپ قالدى. گەرچە ۋارىتانىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكى بىلەن يەنە بىر توپ كەتكۈزۈپ قويۇپ، ئىككىدە نۆل نەتىجە بىلەن ئارقىدا قالغان بولسىمۇ، قىلچە مەيۈسلەنمەي، ئاخىرقى 20 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە ئارقا – ئارقىدىن ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئايلاندۇردى. شەندۇڭ ‹‹لۇنىڭ›› پۇتبول كۇلۇبىدىن ئالمىشىپ كەلگەن 19 ياشلىق شىنجاڭلىق ماھىر پەرھات مۇسابىقىدە ئارقا – ئارقىدىن ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، تاماشىبىنلارغا ياخشى ‹‹يۈز كۆرۈشۈش سوۋغىتى›› بەردى. ئۇ تۇنجى توپنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، سېرىق كارتا جازاسىغا ئۇچراش بەدىلىگە مايكىسىنى سالغىنىچە تاماشىبىنلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يۈرەكنىڭ شەكلىنى چىقىرىپ تەبرىكلەش ھەرىكىتى ئىشلەپ، تاماشىبىنلارنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالدى. ئەقىللىق تاماشىبىنلار دۆلەت ئۆسمۈرلەر مەشىق كوماندىسى، دۆلەت ياشلار مەشىق كوماندىسىغا تاللىنىپ، خېلى ‹‹سورۇن كۆرگەن›› بۇ ‹‹شاكىچىك›› نىڭ ئۆزگىچە تەبرىكلەش ھەرىكىتىگە پۇتبولچىلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنى، ئاپەت رايونىدىكى قېرىنداشلارنى قوللىغان تاماشىبىنلارغا چىن كۆڭلىدىن ئېيتقان رەھمىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەنىدى.
تۈنۈگۈن ئىدارە بويىچە ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئورگاندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىئانە قىلغان 57 مىڭ 716 يۈەن، ئورگانغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكىلەر ئىئانە قىلغان 52 مىڭ يۈەن ئىئانە پۇلى تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ ئازراق كۆڭلى سۈپىتىدە ئالاقىدار تارماقلار ئارقىلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈلگەنىدى، دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەدسىدىق ئابدۇللا، بۈگۈن شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۆز مەيدانىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى مەجبۇرىيەت مۇسابىقىسى قىلىنىپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بېلەتتىن قىلىنغان 14مىڭ 520 يۈەن كىرىم ۋە مۇسابىقە ئارىلىقىدا توپلانغان 6262 يۈەن ئىئانە پۇل يەنە ئاپەت رايونىدىكىلەرگە ئىئانە قىلىنىپ، تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەشتىكى مۇھىم رولى جارى قىلدۇرۇلدى. بۈگۈنكى مۇسابىقىنىڭ ئەھمىيىتى نوقۇل شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بىر مەيدان غەلىبىسىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى، پۇتبولچىلىرىمىز، پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇردى. ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارنىڭ ئاپەت ئۈستىدىن چوقۇم غالىب كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
|