|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئالمۇتا تېلېگراممىسى. قازاقىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا بېنزىن ۋە سەلياركا ئېكسپورتىنى ۋاقتىنچە مەنئى قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پەرماننى ئېلان قىلدى.
بۇ پەرمانغا ئاساسەن، دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، قازاقىستان بۇ يىل 1 – سېنتەبىردىن بۇرۇن، بېنزىن ۋە سەلياركا ئېكسپورتىنى مەنئى قىلىدىكەن. بۇ پەرمان 1 – ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قازاقىستان 17 – ماي نېفىت ئېكسپورت بېجى ئېلىشنى رەسمىي باشلىغاندىن كېيىن، قازاقىستاندا تەييار ماينىڭ ئېكسپورت مىقدارى شىددەت بىلەن ئېشىپ، دۆلەت ئىچى بازىرىدىكى يېتىشمەسلىك ۋە باھا ئۆسۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ خىل ئەھۋالدا، قازاقىستان ھۆكۈمىتى بېنزىن، سەلياركا قاتارلىق تەييار ماي ئېكسپورتىنى ۋاقىتلىق مەنئى قىلىشنى قارار قىلغان.
|