باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
مائارىپ مىنىستىرلىكى قانۇن–ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ
2008- 05- 26 10:05 شىنجاڭ گېزىتى

     مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى جو جى يېقىندا مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر سانى بىلەن قوبۇل قىلىنىدىغانلار سانى ئاشتى. بۇ، تەشكىللەش، باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، ئىجتىمائىي مۇھىت كۈندىن – كۈنگە مۇرەككەپلىشىۋاتقان پەيتتە ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە.

     ئۇ مۇنداق دېدى: تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتىكى مۇھىم خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش كېرەك: بىرىنچى، مائارىپ تارماقلىرى ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ماسلىشىپ، زامانىۋى ئالاقىلىشىش قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ شېرىكلىشىپ كۆچۈرمىچىلىك قىلىشقا قاتتىق زەربە بېرىپ، توردىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا پايدىسىز ئۇچۇرلارنى تەرتىپكە سېلىپ، ئىمتىھان ئىستىلى ناچار رايونلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ ئىككىنچى، ‹‹قۇياش نۇرى قۇرۇلۇشى›› بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ھاۋالە قىلىش ياكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈلمىسى سىرتىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىلمىشلىرىنى نۇقتىلىق تۈزەپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ساختىلىق قىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن مەكتەپ ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلارنى قاتتىق جازالاش كېرەك؛ ئۈچىنچى، ئىمتىھان مەزمۇنى، ئۆز ئالدىغا تاللاپ قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتى ۋە ئالىي مەكتەپلەر مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ تۆتىنچى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئىمتىھانغا قاتنىشىش، ئارزۇ تاللاش، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش ئۇچۇرى ئىگىلەش جەھەتلەردە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش، ئېنىق، ئۈنۈملۈك مەسلىھەت ھەم ياردەم بېرىش كېرەك؛ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا دائىر ئەرز – شىكايەتلەرنى قوبۇل قىلىش، كېسىم قىلىش ۋە تەكشۈرۈش قاتارلىق چارىلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى››دىن
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ