|
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرئەخمەت نۇرامبەگ خەۋىرى ، فوتوسى : بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش ۋە شىبەلەرنىڭ غەرىپكە كۆچكەنلىكىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ چاپچال 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ لوڭقىسى›› ياش – ئۆسمۈلەرنىڭ ئوقيا ئېتىش تەكلىپ مۇسابىقىسى 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى چاپچال ناھىيىلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى.
مۇسابىقىغە ، شىنجاڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىپى ، بورتالا شەھەرلىك ئوقيا ئېتىش كوماندىسى ، شەنشى ئۆلكىسى شيەنياڭ شەھەرلىك ئوقيا ئېتىش مەكتىپى ئوقيا ئېتىش كوماندىسى قاتارلىق توققۇز كوماندا قاتناشتى.

سۈرەتتە : مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈش
|