|
ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، بېزەكچىلىكى جانلاندى، ئۆي بېزەكچىلىكىگە ئائىت ئەرزلەرمۇ كۆپەيدى. يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ‹‹12315›› ئەرز – شىكايەت، پاش قىلىش قوماندانلىق مەركىزى ئۆي بېزەشتە قىلتاققا چۈشۈپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش توغرىسىدا ئىستېمال ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى.
‹‹12315›› قوماندانلىق ئەرز – شىكايەت، پاش قىلىش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئەرز – شىكايەت قىزىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۆي بېزەكچىلىكىدە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە جەھەتتە قىلتاق بار:
بىرىنچى قىلتاق: بېزەكچىلىك شىركەتلىرى باھانى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئالدى بىلەن خېرىدارلارنى جەلپ قىلىپ توختام تۈزىدۇ. كېڭەشكەندە خېرىدارنى خام چوت، باھا مەلۇم قىلىش جەدۋېلى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ جەدۋەلگە ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال، باھا، ئادەم، ئىش سائىتى، باشقۇرۇش ھەققى قاتارلىق تۈرلەر يېزىلغان بولىدۇ، ئىككى تەرەپ بېزەش توختامى ئىمزالاپ بولغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇش جەريانىدا تۈرلەرنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ مەلۇم قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسىم باھانى نورمال باھادىن يۇقىرى قويۇۋالىدۇ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، ئۆي بېزەتكۈچى ھەمىشە ئەسلىي توختامدىكى باھادىن 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇلنى كۆپ خەجلەيدۇ.
ئىككىنچى قىلتاق: ‹‹داڭلىق ماركىلىق قۇرۇلۇش ماتېرىيالى›› ئىشلىتىش. بېزەكچىلىك شىركەتلىرىنىڭ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا ‹‹ئالىي دەرىجىلىك فارفور خىش››، ‹‹داڭلىق ماركىلىق ئىشكاپ›› دېگەندەك سۆزلەر ھەمىشە ئۇچراپ تۇرىدۇ، بازاردىكى بەزى نوپۇزلۇق ماركىلار مىسال كەلتۈرۈلۈپ، ئىستېمالچىلار جەلپ قىلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ماتېرىيال تەشۋىقاتتىكى بىلەن ئوخشاش چىقمايدۇ.
ئۈچىنچى قىلتاق: لايىھىلىگۈچىلەر ياردەملىشىپ قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ئېلىشىپ بېرىش. تۇنجى قېتىم ئۆي بېزەتكەن نۇرغۇن كىشى لايىھىلىگۈچى ياكى ئىش بېشىنى مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىدۇ. ‹‹زېرەك›› لايىھىلىگۈچىلەر سەۋرىچانلىق بىلەن ئۆي ئىگىسىگە ھەمراھ بولۇپ دۇكانلارنى بىر – بىرلەپ ئايلىنىپ، ئەستايىدىل تاللاپ، ئۆي ئىگىسىگە ھەر بىر خىل ماركىدىكى ماتېرىياللارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرىدۇ، ئاخىرىدا مەلۇم بىر دۇكانغا كىرىپ، ئۆي ئىگىسىگە بۇ دۇكاننىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ دۇكاننىڭ ئەزەلدىن ‹‹ئىناۋىتى ياخشى›› لىقىنى ئېيتىدۇ. ئادەتتە، لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ بىر قانچە دۇكان خوجايىنى بىلەن ‹‹مۇناسىۋىتى ياخشى›› بولۇپ، ئۇلار بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق خېلى كۆپ شېرىنكانە ئالىدۇ.
‹‹12315›› ئەرز – شىكايەت، پاش قىلىش قوماندانلىق مەركىزى ئىستېمالچىلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالىدۇكى، ئىستېمالچىلار ئۆي بېزەشكە ئالاقىدار ساۋات ۋە بازار ئەھۋالىنى ئىنچىكە ئىگىلەپ، توختام ئىمزالىغاندا ئامال بار ئۆلچەملىك توختام تۈزۈپ، قۇرۇلۇش مەزمۇنى ۋە ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللارنى ئېنىق بېكىتىشى ۋە مۇناسىپ باھانى قوشۇپ يېزىپ قويۇشى كېرەك.
|