باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
بايلىقنى ماسلاشتۇرۇپ، ئاساسنى پۇختىلاپ،‹‹ئالتۇن دېلتا››نىڭ خىمىيە سانائىتى كەسىپ بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك
2008- 05- 23 11:49 شىنجاڭ گېزىتى

ۋاڭ لېچۈەن شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

       ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 22 – ماي مايتاغ – كۈيتۈڭ –  شىخو خىمىيە سانائىتى كەسىپ بەلبېغى ۋە شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مايتاغ، كۈيتۈڭ، شىخو ‹‹ئالتۇن دېلتا›› رايونى ئاپتونوم رايونىمىز پىلانلاپ قۇرغان نۇقتىلىق خىمىيە سانائىتى كەسىپ بەلبېغى بولۇپ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىسادىي بەلباغنىڭ مۇھىم تىرىكى. بايلىقنى ماسلاشتۇرۇپ، بىرلەشمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئىلمىي پىلانلاپ، بىر تۇتاش قۇرۇپ، قۇرۇلۇۋاتقان تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى خىمىيە سانائىتى كەسىپ بەلبېغىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى ئەتراپىدا قەد كۆتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشى ئۈچۈن يېتەكچىلىك قىلىش، تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى ئويناپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

      ۋاڭ لېچۈەن 22 – ماي چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، سۇڭ ئەيرۇڭ، كۈرەش مەخسۇت، خۇا شىفېي، دەي گۇڭشىڭ، ۋاڭ يۇڭمىڭ، ليۇ يەنلياڭ بىلەن بىللە جۇڭگو نېفىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتىنىڭ ئېتىلېن زاۋۇتى، 10 مىليون توننىلىق نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ۋە 1 مىليون توننىلىق ئېتىلېن زاۋۇتى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈردى. قۇرۇلۇش مەيدانىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. 40 مىڭغا يېقىن قۇرۇلۇشچىنىڭ ئۈچ يىلغا يېقىن كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، 30 نەچچە مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان مايتاغ 10 مىليون توننىلىق نېفىت ئايرىش، 1 مىليون توننىلىق ئېتىلېن زاۋۇتى قۇرۇلۇشىغا ھازىر 19 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان بولۇپ، ئاساسىي گەۋدىسى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ زامانىۋى نېفىت ئايرىش، خىمىيە سانائىتى بىر گەۋدىلەشكەن قۇرۇلما دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى.

      ۋاڭ لېچۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى چۈشتىن كېيىن مەخسۇس شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ شىخو – جىڭ تۆمۈريولى 2 – لىنيىسى كۈيتۈڭ شەھىرى ماناس تاشيول – تۆمۈريول ستېرېئولۇق كۆۋرۈكى  قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى، شىمالىي كۈيتۈڭ تۆمۈريولى ‹‹217›› دۆلەت يولى تاشيول – تۆمۈريول ستېرېئولۇق كۆۋرۈكى نەق مەيدانى، شىمالىي كۈيتۈڭ تۆمۈريولى جۇڭگو تۆمۈريولى ‹‹خۇايۈ›› شىپال زاۋۇتى بازىسى، كۈيتۈڭ دەرياسى ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇش مەيدانىغا بېرىپ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، تۆمۈريول قۇرۇلۇشچىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ۋاڭ لېچۈەن يەنە ‹‹ئالتۇن دېلتا›› رايونىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە ئالاقىدار تارماقلار، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىلەن خىمىيە سانائىتى كەسىپ بەلبېغىنى قانداق قىلىپ ھەم ياخشى ، ھەم تېز قۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى، شۇنداقلا ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

      ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: ‹‹ئالتۇن دېلتا ›› رايونىدا نېفىت، كۆمۈر بايلىقى مول، جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە، قاتناش قۇلاي، ئىختىساسلىقلار توپلاشقان بولۇپ، نېفىت، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشتا  ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور رايونلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىدىكى يادرولۇق رايونلارنىڭ بىرى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ رايوننىڭ تەرەققىياتىدىن زور ئۈمىد كۈتۈۋاتىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيانقى قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش نەتىجىسىدە،  ھازىر تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىساد بەلبېغى، بولۇپمۇ ‹‹ئالتۇن دېلتا›› رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىشتە شارائىت، ئەمەلىي كۈچ ۋە ئاساس ھازىرلاندى.

       ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹ ئالتۇن دېلتا››نى يادرو قىلغان تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىساد بەلبېغىنى تېز راۋاجلاندۇرۇشتا تۆمۈريول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا توغرا كېلىدۇ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر تەرەپلىمىلىك مۇلازىمەت ۋە مەدەت بىلەن تەمىنىلەپ، تۆمۈريول، سۇ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

      ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى، سۇچىلىق نازارىتى، قاتناش نازارىتى، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى، شىنجاڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە شىركىتى قاتارلىق ئالاقىدار نازارەت، ئىدارە، تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ