باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 05- 23 11:31 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

    . 11–نۆۋەتلىك جۇڭگو بېيجىڭ خەلقئارا پەن– تېخنىكا كەسپلىرى يەرمەنكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىز نېفىت خېمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەسى، يېڭى ماتېرىياللار، بىئولوگىيىلىك دورىلار، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلەر، رەڭلىك مىتال قاتارلىق ئالتە چوڭ كەسپلەر توپىنى يەرمەنكىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز  پەن– تېخنىكا كەسپلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ يېڭى نەتىجىلەرنى نامايەن قىلدى. بۇ نۆۋەتلىك پەن– تېخنىكا يەرمەنكىسىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىن40 كارخانا 46 تۈرنى يەرمەنكىگە قاتناشتۇردى.

     ·ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 21– كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەمۇرىي رايونلار تىجارەت، يېمەك– ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇلازىمەت كارخانىلىرى ۋە ئادەم ياللىغان يەككە سودا– سانائەتچىلەر قانۇن بويىچە ئىش ئۈستىدە زەخمىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، ئۆز ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئەمگەكچى ياكى ياللانما خادىملارنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتا خىراجىتىنى تاپشۇرىدىكەن. 

     ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللى تىبابەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن توققۇز بىئولوگىيىلىك دورا ياساش كارخانىسى تۇنجى قېتىم‹‹ شىنجاڭ تىببى دورا كەسپلىرىدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر يېڭى توپى›› شەكلىدە مۇشۇ ئاينىڭ 21– كۈنى 11– نۆۋەتلىك جۇڭگو بېيجىڭ خەلقئارا پەن– تېخنىكا كەسپلىرى يەرمەنكىسىگە قاتناشتى.

     ·ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغانلارنىڭ ئېلېكتىر ئېنىرگىيە، خەلق ئاۋىئاتسىيە، نېفىت خېمىيە قاتارلىق مونوپول كەسپلەرگە ئاپتونوم رايونىمىزدا مەبلەغ سېلىش ئىجازىتىگە ئېرىشىشىتىن ئۈمىد بار. 22 – ماي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30– قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەككە، خۇسۇسىي ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىزامىنىڭ تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى››دا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كاپىتالنىڭ مونوپول كەسپلەرگە كىرىشىگە يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىلدى.

     ·دۇنيا سودا تەشكىلاتى مۇشۇ ئاينىڭ 21– كۈنى ئېلان قىلغان ‹‹ جۇڭگونىڭ سودا سىياسىتىنى باھالاش دوكلاتى››دا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئىككى يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ ئەركىن سودىسى ۋە تاشقى مەبلەغ سىياسىتى داۋاملىق ئۆر رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئېتىنىڭ 10 پىرسەنتتىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان، ئەمما ئىقتىسادى تەرەققىياتتا يەنىلا دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەن. 

     ·شاڭخەي ئاكسىيە سودا بېرژىسى مۇشۇ ئاينىڭ 21– كۈنى: مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇقتۇرىشى ۋە شاڭخەي ئاكسىيە بېرژىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، 2008– يىللىق يەتتىنچى قارارلىق ھىساباتى خاتىرلىنىدىغان دۆلەت زايومىنىڭ 2008– يىل 5– ئاينىڭ 26– كۈنىدىن باشلاپ بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

     ·جۇڭگو خەلق بانكىسى مۇشۇ ئاينىڭ 21– كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە 1– ئايدىن 4– ئايغىچە، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمى جەھەتتىن مۇقىم بولغان، زايوم تارقىتىش نىسپىتى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 43.7 پىرسەنت ئاشقان.

     ·دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى ۋە كارخانىلاردىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت ھازىرچە  نېفىت، تەبىئى گاز باھاسىغا قويۇلغان چەكلىمىنى قويىۋەتمەيدىكەن.

     ·تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلۇش مەھكىمىسى، تۆمۈر يول مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئۈچ ئورۇن بىلەن بىرگە چىڭخەيدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ: كالىيلىق ئوغۇت بىلەن تەمىنلەش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قاراپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە كارخانىلارنىڭ دۆلەت ئىچى كالىيلىق ئوغۇت باھاسىنىڭ زىيادە تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ كېتىشىنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلدى.

     ·نوپۇزلۇق ئورۇنلار ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل دۆلىتىمىزدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان يۈز كۈچلۈك كارخانىنىڭ باشقۇرۇش ئومۇمىي سەۋىيىسىدە كۆرىنەرلىك ئۆزگۈرۈش بولمىغان، ئەمما كۆرىنەرلىك ئىككى قۇتۇپلىشىش ئالامېتى كۆرۈلگەن.

     ·خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى ئالدىنقى سودا كۈنى 6 يۈەن 9 مو 6 پۇڭلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتكەندىن كىيىن، تۈنۈگۈن يەنە بىر قېتىم 6 يۈەن 9 مو 5 پۇڭلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتتى. جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە،تۈنۈگۈن خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى 6 يۈەن 9 مو 4 پۇڭ 2.8 لىدا مەلۇم قىلىنىپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى 37– يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. تۈنۈگۈن، بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا بىر ئامېرىكا دوللىرى 6 يۈەن 9 مو 4 پۇڭ 2.8 لىغا، بىر ياۋرو 10 يۈەن 9 مو 6 پۇڭ 9 لىغا، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 7 مو 5 پۇڭ 1 لىغا، بىر شياڭگاڭ پۇلى 8 مو 9 پۇڭ 0.13 لىغا، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 13 يۈەن 6 مو 9 پۇڭ 10 لىغا ئايرىۋاشلاندى. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ