|
ئامېرىكىنىڭ سودا خاراكتىرلىك خام نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەپلىك، مۇشۇ ئاينىڭ 21 – كۈنى خەلقئارا بازاردا نېفىت باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىدى. نيويورك تاۋار بېرژىسىدا ھەر تۇڭ خام نېفىتنىڭ باھاسى 133 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى. بۇ كۈنى بازار يىغىلىدىغاندا، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 7– ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان سۇيۇق خام نېفىتنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ زاكاز باھاسى 133.17 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 4.19 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، 3 – ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. بازار يېپىلغاندىن كىيىنكى ئېلېكتىرونلۇق سودىدا، نېفىت باھاسى بىر مەھەل 133.82 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. لوندون خەلقئارا نېفىت سودا بېرژىسىدا 7 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر تۇڭ شىمالىي دېڭىز برونت خام نېفىتىنىڭ زاكاز باھاسى 4.86 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 132.7 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلغان. نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 6 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر گالون بېنزىننىڭ زاكاز باھاسى 9.21 سىنت ئۆرلەپ، بازار 3.34 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا؛ 6 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر گالون ئىسسىنىشقا ئىشلىتىلىدىغان ماينىڭ زاكاز باھاسى 13.34 سىنت ئۆرلەپ، بازار 3.91 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا؛ 6 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر مىڭ كۇپ ئىنگىلىز چىسى تەبىئى گازنىڭ زاكاز باھاسى 27.5 سىنت ئۆرلەپ، بازار 11.64 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلغان.
|