باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىدى
2008- 05- 22 11:49 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

    خەلقئارا پىروۋوت بازىرىدا ئامېرىكا دوللىرى كۇرسىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك چۈشىشى خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى. جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 21 – ماي خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسى 6 يۈەن 9 مو 6 پۇڭلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، 6 يۈەن 9 مو 5 پۇڭ 9.7 لىلىق باھا بىلەن خەلق پۇلى پىروۋوت نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىش مىخانىزىمى ئىسلاھاتىدىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتىدە ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ 36 قېتىم يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ يىلدىن بۇيان خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى 5 پىرسەنتكە يېقىنلاشتى. تۈنۈگۈن، بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا، بىر ئامېرىكا دوللىرى 6 يۈەن 9 مو 5 پۇڭ 9.7 لىغا، بىر ياۋرو 10 يۈەن 9 مو 3 لىغا، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 7 مو 2 پۇڭ 3 لىغا، بىر شياڭگاڭ پۇلى 8 مو 9 پۇڭ 2 لىغا، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 13 يۈەن 6 مو 9 پۇڭ 5 لىغا ئايرىۋاشلاندى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ