|
مۇشۇ ئاينىڭ 20 – كۈنى خەلقئارا بازاردا نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىدى. نيويورك تاۋار بېرژىسىدا خام نېفىتنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 130 ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاپ قالدى. بۇ كۈنى بازار يىغىلىدىغاندا، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 6 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر تۇڭ سۇيۇق خام نېفىتنىڭ زاكاس باھاسى 2.02 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 129.07 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلىپ، 1983 –يىلى خام نېفىت زاكاس سودىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقۇرى رىكورت يارىتىلدى. لوندون خەلقئارا نېفىت سودا بېرژىسىدا 7 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر تۇڭ شىمالىي دېڭىز برونت خام نېفىتىنىڭ زاكاس باھاسى 2.78 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 127.84 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 6– ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر گالون بىنزىننىڭ زاكاس باھاسى 8.02 سىنت ئۆرلەپ، بازار 3.30 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا؛ 6 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ئىسسىنىشقا ئىشلىتىلىدىغان ھەر گالون ماينىڭ زاكاس باھاسى 9.99 سىنت ئۆرلەپ، بازار 3.76 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا؛ 6 - ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر مىڭ كۇپ ئىنگىلىز چىسى تەبىئى گازنىڭ زاكاس باھاسى 41.1 سىنت ئۆرلەپ، بازار 11.365 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى.
|