باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
بۇ يىللىق بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىنىش باھاسىنىڭ ئىجرا قىلىش لايىھىسىنى يولغا قويۇش ئېلان قىلىندى
2008- 05- 22 11:39 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئاشلىق ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار يېقىندا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ: 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنىگىچە بۇ يىللىق بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىنىش باھاسىنى ئىجرا قىلىش لايىھىسىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ يىللىق بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىنىش باھاسى ئاق بۇغداينىڭ ھەر كىلوگرامى 1 يۈەن 4 مۇ 14 پۇڭ، قىزىل بۇغداي، ئارىلاشما بۇغداينىڭ  ھەر كىلوگرامى 1 يۈەن 4 پۇڭ. بۇ باھا خېبېي، جياڭسۇ، ئەنخۈي، شەندۇڭ، خېنەن، خۇبېي قاتارلىق ئاساسلىق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىدىغان ئالتە ئۆلكىدە ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇغداينىڭ بازار باھاسى ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىنىش باھاسىدىن تۆۋەن بولغاندا، جۇڭگو ئاشلىق زاپاس ساقلاش باش شىركىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلەردىكى يەرلىك ئاشلىق زاپاس ساقلاشنى باشقۇرۇش شىركەتلىرى ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىنىش باھاسىغا ئاساسەن، ئاساسلىق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلاردا دېھقانلار تاپشۇرغان ئاشلىقنى ۋېۋىسكا ئېسىپ سېتىۋالىدۇ.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ