|
ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، تۆۋەندىكىدەك بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشقان، ئىلگىرىكى دۆلەت ئورۇنلىرىدىن ئايرىلغان ئۈچ خىل خادىملارنىڭ كۈتۈنۈشى بۇنىڭدىن كېيىن كاپالەتگە ئىگە بولىدۇ، ئۇلار 2008 – يىل 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنىدىن بۇرۇن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ‹‹ئۈچ خىل خادىملار›› دېگەنلىك ئىلگىرىكى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، دۆلەت كارخانىلىرى (دۆلەت دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق كارخانىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىكى يېشى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىدىن ئاشقان مۇقىم ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىچىدىكى دۆلەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىگىنىگە ئون يىلدىن ئاشقانلارنى؛ ھەربىيدىن قايتىش پۇلىنى بىر قېتىمدا بىراقلا ئالغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىدىن ئاشقان ئىلگىرىكى قىسىم كادىرلىرى ۋە ھەربىيدىن چېكىنگەن شىگۈەنلەر ئىچىدىكى قىسىمدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگىنىگە ئون يىلدىن ئاشقانلار؛ ئىلگىرىكى كوللېكتىپ چوڭ كارخانىلىرىنىڭ يېشى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىدىن ئاشقان ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ئىچىدىكى ستاژى ئون يىلدىن ئاشقانلارنى كۆرسىتىدىكەن. ‹‹ئىلگىرىكى كوللېكتىپ چوڭ كارخانىلىرىنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى›› دېگەنلىك پىلان، ئىقتىساد – سودا قاتارلىق ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان، ئىشچى – خىزمەتچىلىرى پىلان كومىتېتى ياكى ئەمگەك (كادىرلار) مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئىشچىلىققا، كادىرلىققا قوبۇل قىلىش كۆرسەتكۈچى بويىچە قوبۇل قىلىنغان ھەم ئەمگەك، كادىرلار مەمۇرىي تارماقلىرى قوبۇل قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن، ئەمەلىي خىزمەت ئىستاژى بولغان ئىلگىرىكى چوڭ كوللېكتىپ سالاھىيىتىگە ئىگە ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى كۆرسىتىدىكەن.
ئىلگىرىكى دۆلەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ئارىسىدىكى سۇغۇرتىغا قاتنىشىشتا ھەقنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىرىغا پرىنسىپ جەھەتتىن ئۆتكەن يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى (ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئۆتكەن يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %60 ىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك) نى ھەق تاپشۇرۇشنىڭ ئاساسى قىلىپ، بىر تۇتاش% 20 لىك ھەق نىسبىتى بويىچە ھەقنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئىلگىرىكى دۆلەت دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ئارىسىدىكى سۇغۇرتىغا قاتنىشىشتا ھەقنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنغانلار 2003 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن بۇرۇن ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە رەسمىيەت بېجىرسە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن، ھەر يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى (ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئۆتكەن يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %40 ىنى ھەق تاپشۇرۇش ئاساسى قىلىپ، بىر تۇتاش %20 لىك ھەق نىسبىتى بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.
ئىلگىرىكى كوللېكتىپ چوڭ كارخانىلارنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى 1986 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 1992 – يىل 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆتكەن يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى ئوتتۇرىچە مائاشى (ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئۆتكەن يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىش ئورنىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ %60 ىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك) نى ئاساس قىلىپ، %18 لىك ھەق نىسبىتى بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ؛ 1993 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن بىر تۇتاش %20 لىك ھەق نىسبىتى بويىچە تولۇقلاپ تاپشۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
سۇغۇرتىغا قاتنىشىشتا ھەقنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملار ئىلگىرىكى ئورۇنلىرىدىن ئايرىلغان يىلى 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغىچە تولۇقلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تولۇقلاپ تاپشۇرۇش يىل چەكلىمىسى ئون يىلدىن كەم بولماسلىقى كېرەك. ھەق تولۇقلاپ تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، شۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ستاژى (دۆلەت ئېتىراپ قىلغان ئۇلاشما ستاژى) ۋە ھەربىي ستاژىنى ھەق تاپشۇرۇش ستاژى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
سۇغۇرتىغا قاتنىشىشتا ھەقنى تولۇقلاپ تاپشۇرغان خادىملارنىڭ يېشى دۆلەت بەلگىلىگەن پېنسىيىگە چىققانلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن بولسا پېنسىيىگە چىقىش رەسمىيىتى بېجىرسە بولىدۇ ھەم پېنسىيىگە چىقىشى تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان ئاينىڭ كېيىنكى ئېيىدىن باشلاپ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئىلگىرىكىسى بىردەك تولۇقلاپ بېرىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ تەمىناتى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تەكشۈرۈپ بېكىتىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 2009 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئورگانلىرى بۇ خىلدىكى خادىملارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش خىزمىتىنى بېجىرمەيدىكەن.
|