|
مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بىر تۇتاش غەملەشكە قاتناشمىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىلىك ئىشچى – خىزمەتچىلىرى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا قانۇن بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان ئىجتىمائىي تەشكىلات، فوند جەمئىيىتى، كارخانىدىن باشقا پۇقراۋى ئورۇنلار، چەت ئەلنىڭ غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ جۇڭگودىكى ۋاكالەت ئورۇنلىرى ھەم ئۇلارنىڭ تەكلىپ توختامى ياكى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان مەخسۇس ۋەزىپىلىك خىزمەتچىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن تەۋەلىكتە باشقۇرۇش پرىنسىپى بويىچە كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىگە قاتناشسا بولىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بىر تۇتاش غەملەشكە قاتناشمىغانلار، 2008 – يىل 4 – ئاينىڭ 14 – كۈنىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار 2008 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن بۇرۇن سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا كېرەكلىك ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا تىزىملىتىش رەسمىيىتى بېجىرىپ، كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدىكەن؛ 4 – ئاينىڭ 14 – كۈنىدىن كېيىن قۇرۇلغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنى رويخەتكە ئالدۇرغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا تىزىملىتىش رەسمىيىتى بېجىرىپ، كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدىكەن. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار سۇغۇرتىغا قاتنىشىدىغان بارلىق مەخسۇس ۋەزىپىلىك ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي ھەق تاپشۇرۇشىدا مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يىغىندىسىنى ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى قىلىدىكەن؛ مەخسۇس ۋەزىپىلىك خادىملارنىڭ نەق مائاش ئومۇمىي سوممىسىنى شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش ئاساس سانى قىلىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا، ئاپتونوم رايوندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ% 300 ىدىن ئېشىپ كەتسە؛ ئەڭ تۆۋەن بولغاندا، ئاپتونوم رايوندىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ% 60 ىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدىكەن. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئۇلارنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىلىك ئىشچى – خىزمەتچىلىرى 4 – ئاينىڭ 14 – كۈنىدىن بۇرۇن تەكلىپ قىلىش توختامى ياكى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان بولسا، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرىدىكەن. 2002 – يىل 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن بۇرۇن تەكلىپ توختامى ياكى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغانلار 2002 – يىل 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرىدىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن توختام ئىمزالىغانلار توختام ئىمزالىغان كۈندىن باشلاپ ئاساسىي كۈتۈنۈش ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرىدىكەن ھەم ئۆسۈمى بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلىنىدىكەن.
|