|
قارامايدا: 14 – ماي چۈشتىن كېيىن قاراماي شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى بىلەن قاراماي شەھەرلىك خەيرىيەت باش جەمئىيىتى قاراماي شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ۋە ھەر قايسى ئورۇنلار سىچۇەندىكى ئاپەت رايونىغا ئىئانە قىلغان 975مىڭ يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بۇ پۇلنى شۇ كۈنىلا ئاپتونوم رايونلۇق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىئانە ئىشخانىسىغا يەتكۈزۈپ بەردى.
تاشقورغاندا: ئاپەت رەھىمسىز، كىشىلەر رەھىمدىل، دېدى تاشقورغان تاشيول ئۇچاستىكىسىدىكى بىر پېشقەدەم تاجىك ئىشچى ئىنتايىن ھېسداشلىق قىلغان ھالدا ئىئانە ساندۇقىغا پۇل سېلىۋېتىپ، سىچۈەننىڭ ۋېنچۇەن قاتارلىق جايلاردا 7.8 بال كۈچلۈك يەر تەۋرەپ ئېغىر ئۆلۈم – يېتىم كۆرۈلدى، ئىقتىسادىي زىيانمۇ كۆپ بولدى، مۇشۇنداق پەيتتە قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ھەممەيلەن ئاشۇ پېشقەدەم تاجىك ئىشچىغا ئوخشاش ئاپەت رايونىغا بەس – بەستە پۇل ئىئانە قىلدى، تاشقورغان تاشيول ئۇچاستىكىسى شۇنداقلا قەشقەر تاشيول باش ئۇچاستىكىسىغا قاراشلىق باشقا ئۇچاستىكىلار ۋە ئۇنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ئاپەت رايونىغا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى.
شاياردا: سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان شايار خەلقى دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن، مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. 13 – ماي سىچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا پۇل ئىئانە توپلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ناھىيىدىكى تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك بەنزىنىڭ ئەزالىرى، كارخانىچىلار ۋەكىللىرى، خېنەندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار ۋەكىللىرى، يېزا – بازارلار، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ئۈچ كۈندىلا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى. نۆۋەتتە، پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلماقتا.
|