|
18 – ئاپرېل ، قاراماي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىكىلەر شىشى – جەنۇبىي چىپارتاغ تاشيولىنىڭ شىشى مەشغۇلات رايونىغا 77 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە، بىر ئەرنىڭ جەسىتى بايقالغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغان. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆلگۈچى يېزا ئىگىلىك 6 – شىسىنىڭ تۇدۈنزى دېھقانچىلىق مەيدانىدىن بولۇپ، 17 – ئاپرېل جاڭگالغا توشقان زەدىكى كولىغىلى بېرىپ، يولدىن ئادىشىپ قالغانلىقتىن، كېچىدە بولغان قاتتىق سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلگەن. ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، توشقان زەدىكىنىڭ دورىلىق قىممىتى يۇقىرى، باھاسى قىممەت بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر پۇلنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن جاڭگالغا توشقان زەدىكى كولىغىلى بارىدىكەن. كولىغۇچىلار تارقاق ھەرىكەت قىلغاچقا، جاڭگالدا ئېزىپ، توڭلاپ ئۆلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى كۆپرەك ئىكەن.
|