باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
31 توننا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسى 18–ماي سىچۇەنگە يەتكۈزۈلدى
2008- 05- 21 10:19 شىنجاڭ گېزىتى

 چىڭچۇەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما شۇ كۈنى كەچتىلا شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىغا ئېغىز تەگدى

     20 توننىدىن ئارتۇق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسى قاچىلانغان مەخسۇس ئايروپىلان ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، ئۈچ سائەت ئون مىنۇت ئۇچقاندىن كېيىن 18 – ماي سەھەر سائەت 1 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە چېڭدۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى. شۇ كۈنى سەھەر سائەت 4 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، 31 توننا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسى ئۈچ تۈركۈمدە ئايروپىلان بىلەن شىنجاڭدىن چېڭدۇغا يەتكۈزۈلدى.

     ئىگىلىشىمچە، 31 توننا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشياسى مىنېرال سۇ، ئىچىملىك، كالىباسا، تەييار چۆپ، قۇرۇتۇلغان كالا گۆشى، قۇۋۋەت تالقىنى ۋە شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە نانلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

     ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى قاچىلانغان ئايروپىلان چېڭدۇ ئايروپورتىغا قونغاندىن كېيىن، ئايروپورت خادىملىرى ھېرىپ – چارچىغىنىغا  قارىماي، تېزدىن ئادەم كۈچى تەشكىللەپ يۈكنى چۈشۈرۈپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئاپەت رايونىغا يۆتكەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

     سىچۇەن ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئورۇنلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ چېڭۋېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭدىن يۆتكەپ كېلىنگەن 31 توننا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى 18 – ماي كەچتە ئاپەت ئېغىر بولغان چىڭچۇەن ناھىيىسىگە يەتكۈزۈلۈپتۇ، چىڭچۇەندىكى ئامما شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى –– نانغا ئېغىز تېگىپتۇ.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ