|
ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى كاندىدات پارتىيە ئەزالىرى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشتىن ئىلگىرى مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
مۇھەررىر ئىلاۋىسى: ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىڭ رېئال تەلىپى، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ‹‹ئالتۇن ئاچقۇچى››. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيىلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، دۆلىتىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تەرەققىي تاپقان شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئېچىشنى قارار قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشتى، ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكىلەر ئورتاق دىققەت قىلىۋاتقان مائارىپ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى.
ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش ئالدىدا، خاڭجۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 3 – يىللىقىدىكى ئالتە ئوقۇغۇچى شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىردى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىلىرىنىڭ بۇ پەرزەنتلىرى كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىي قىلغان جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھىرىدىكى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. بۇ ئالتە ئوقۇغۇچى مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن 30 – ئاپرېل ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىگە خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق، ‹‹ئۆمۈرۋايەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەگىشىپ ماڭىدىغانلىقى››، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، يۇرتىنى تىرىشىپ گۈللەندۈرۈشتەك قەتئىي ئېتىقادىنى بىلدۈردى.
قەدىرلىك ۋاڭ لېچۈەن شۇجى، رەئىس نۇر بەكرى، ياخشىمۇ سىلەر!
بۈگۈن بىزگە نىسبەتەن ئالاھىدە كۈن، بىز ناھايىتى خۇشال، چۈنكى، بىز شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولدۇق، مۇشۇ ئۇلۇغ، مۇقەددەس تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىكى ۋە تەربىيىسىدە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدۇق. ھە، ئۆزىمىزنى تونۇشتۇرۇشنى ئۇنتۇق قاپتۇق. بىزنىڭ ئىسمىمىز ئۆمەرئېلى، تاھىرجان، شەپقەت، ئىدىرىس، رابىيە، گۈزەلئاي. بۈگۈن تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈش يىغىنىدا پارتىيىگە كىرىش قەسەمنامىسىنى ئوقۇغىنىمىزدا، چەكسىز ھاياجانلاندۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، زىممىمىزدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدۇق، ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بىز غايىمىزنى ئۆز ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرالايمىز.
تۆت يىللىق ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىمىزنى ئەسلىسەك، بىز ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدۇق، گۈدەكلىكتىن پىشىپ يېتىلدۇق، ئىدىيىۋى ئېڭىمىز ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ھەر مىللەت ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللار ئارىسىدىكى قان بىلەن گۆشتەك مېھىر – مۇھەببەت بىزگە ۋەتەن بۈيۈك ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
تۆۋەندىكىلەر بىزنىڭ يۈرەك سۆزىمىز:
مېنىڭ ئىسمىم ئۆمەرئېلى، بۈگۈن تولىمۇ خۇشالمەن، چۈنكى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يېتەكلىشى، تەربىيىلىشى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىشى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ تەشكىلاتقا كىرىپ، شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولدۇم. مەن چوقۇم تىرىشىپ، ‹‹ئىشىنىشكە بولىدىغان، تايانغىلى بولىدىغان، ئېلىپ قالغىلى بولىدىغان، ئىشلەتكىلى بولىدىغان›› ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ چىقىمەن.
مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن، شىنجاڭغا قايتىپ سۆيۈملۈك يۇرتداشلىرىمغا يۈرەك سۆزلىرىمنى ئېيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مېنى تەربىيىلىگەن شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈمگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، سىياسىي ساپايىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئۆمۈر بويى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەگىشىپ مېڭىپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن، كەلگۈسىدە شىنجاڭغا قايتىپ، يۇرتۇمنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشىمەن.
مەن شىنجاڭنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدىن كەلگەن تاھىرجان تۇردى. ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تەرەققىي قىلغان شەھەرگە كېلىپ ئوقۇيالىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى چەكسىز بەختلىك ھېس قىلىمەن. بۈگۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىدىن ئىبارەت دانا، ئۇلۇغ، مۇقەددەس تەشكىلاتقا كىرىپ چەكسىز ھاياجانلاندىم. مۇشۇ پەيتتىكى ھېسسىياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن.
تۆت يىلدىن بۇيان، پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرى جەھەتلەردە غايەت زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپلا قالماي، ئىدىيە جەھەتتىمۇ ماھىيەتلىك ئىلگىرىلىدىم. ھازىر ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ۋەتەننى قانداق سۆيۈشنى ھەقىقىي چۈشەندىم. ئىچكىرى ئۆلكىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن مەسئۇلىيىتىمنى ھېس قىلدىم. ۋەتەن ۋە خەلق ماڭا ئەۋزەل شارائىت، پەرۋاز قىلىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەردى، مېنىڭ يەنە تىرىشماسلىققا، ياخشى ئوقۇماسلىققا نېمە ھەددىم؟
يەنە 39 كۈندىن كېيىن جېجياڭ ئۆلكىسىدە 2008 – يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى، ۋەتەننىڭ تاللىشىنى كۈتۈۋالىمەن. ئوقۇتقۇچىلىرىم، پارتىيە ۋە ۋەتەن رازى بولغىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم كامىل. ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئىدىيىۋى ئاڭ ۋە تونۇشۇمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ۋەتەن، خەلققە ياراملىق ئادەم بولۇپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشقا، ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.
مېنىڭ ئىسمىم رابىيە مەخەم ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 3 – شىسى 50 – تۇەنىدىن كەلگەن، سېپى ئۆزىدىن دېھقان بالىسى. ئىچكىرى ئۆلكىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇغان تۆت يىلدا پارتىيىنىڭ تەربىيىلىشى، ئوقۇتقۇچىلىرىم ۋە ساۋاقداشلىرىمنىڭ ياردىمى بىلەن ئىش ئۇقمايدىغان بالىدىن غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان پارتىيە ئەزاسىغا ئايلاندىم.
پارتىيە ۋە دۆلەت ماڭا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، مېنى ئۇلۇغ، دانا پارتىيىگە كىرىشكە يېتەكلىدى. مەن پارتىيىگە، ۋەتەنگە، ھەر مىللەت خەلقىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشتا ئۆزۈمگە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە تەلەپ قويۇپ، جان – دىلىم بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، پارتىيىنىڭ ‹‹ئىشىنىشكە بولىدىغان، تايىنىشقا بولىدىغان، ئېلىپ قالغىلى بولىدىغان، ئىشلەتكىلى بولىدىغان››ئادىمى بولۇپ، ۋەتەن ۋە خەلققە كېرەكلىك ئادەم بولۇپ، ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشىغا، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇمەن.
ئىسمىم ئىدىرىس، تېخى يېقىندىلا كاندىدات پارتىيە ئەزاسى بولدۇم. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەربىيىلىشى نەتىجىسىدە، ۋەتەنگە كېرەكلىك ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىۋاتىمەن. بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ماڭا كۆيۈنگەنلىكى، تەربىيىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. بۇ تۆت يىلدا، دۆلەتنىڭ ماڭا بەرگىنى ئىنتايىن كۆپ بولدى، مەن جاۋاب قايتۇرىمەن، ئون ھەسسە، 100 ھەسسە تىرىشىپ، ئۆز ھەرىكىتىم ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىمەن، ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە، ئىدىيىۋى ئېڭى يۇقىرى، ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالايدىغان لاياقەتلىك جۇڭخۇا پەرزەنتى بولۇش ئىرادەم بار. بۇ چىن ۋەدەم، مەن چوقۇم يېڭى دەۋرنىڭ ئىزباسارى بولۇپ چىقىمەن.
ئىسمىم شەپقەت. پارتىيىنىڭ ئىللىق نۇرىدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، مەن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. تۆت يىلدىن بۇيان، مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئۆسۈپ يېتىلدىم، ئۇ مېنى ئىدىيىدە پىشقان، ئۆگىنىشتە قەيسەر، تۇرمۇشتا ئىرادىلىك قىلىپ يېتىشتۈردى. گەرچە، مەن ھازىر جۇڭگو كومپارتىيىسىگە كىرگەن بولساممۇ، ئالدىمدىكى يول يەنىلا ئىنتايىن ئۇزۇن، ئۇ ئەگرى – بۈگرى تاغ يولى بولۇشىمۇ، تىك داۋان بولۇشىمۇ مۇمكىن، قانداقلا يول بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ، ئۆزۈمنى ئاكتىپ چېنىقتۇرۇپ، پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرىمەن. ۋەتەن ۋە پارتىيىگە ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىمەن، پارتىيىگە كېرەكلىك ‹‹ئىشىنىشكە بولىدىغان، تايىنىشقا بولىدىغان، ئېلىپ قالغىلى بولىدىغان، ئىشلەتكىلى بولىدىغان›› مۇنەۋۋەر ئىزباسار بولۇپ يېتىلىپ، ۋەتەنگە ۋە پارتىيىگە جاۋاب قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن.
مېنىڭ ئىسمىم گۈزەلئاي، قەدىمىي مەدەنىيەت شەھىرى قەشقەردىن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. چۈنكى بۇ ئىلغار تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇرتۇمنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالايمەن. يۇرتۇمنىڭ گۈللىنىشى ۋە خەلقىمنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى مېنىڭ بەختىم.
يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى چىن قەلبىمىزدىن ئۇرغۇپ چىققان سۆزلەر. ماڭا مەلۇم، شىنجاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى بىزگە ئوخشاش ياشلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە بەدەل تۆلىشىگە موھتاج. بىزنىڭ پارتىيىگە كىرىشىمىز ھەرگىزمۇ بىرەر مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس. ۋاڭ لېچۈەن شۇجى ۋە رەئىس نۇر بەكرى، خاتىرجەم بولۇڭلار، بىز ئۆز ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئارزۇ ۋە ئىشەنچىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمىز.
ئاخىرىدا خاڭجۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدىكى 576 ئوقۇغۇچى ۋە بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ۋاكالىتەن سىلەرگە ۋەدە بېرىمىزكى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ياردىمىدە داۋاملىق تىرىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىمىز.
ھۆرمەت بىلەن : ئىدىرىس مەھمۇد، گۈزەلئاي ھاشىم، شەپقەت خالمۇرات، تاھىرجان تۇردى، رابىيە مەخەم، ئۆمەرئەلى ئەمەتقارى
2008 – يىل 4 – ئاينىڭ 30 – كۈنى
|