باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 05- 20 11:57 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     .ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1 – ئايدىن 4 – ئايغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆي–مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، جەمئى سېلىنغان مەبلەغ 833 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2007 - يىلىدىكىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 82.93 پىرسەنت ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 755 مىليون يۈەن بولۇپ، بىر ھەسسە ئاشقان.

     ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن ئۆي–زىمىن ۋاستىچى شىركەتلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، سىياسەتنىڭ تەسىرىدە، ئەسلىدە ئۆي سېتىۋېلىش ئويى بار كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆي سېتىۋېلىش ئويىدىن ۋاقتىنچە ۋاز كەچكەن، ئۇلار: ئۆي سېتىۋالغاندىن ئىجارە ئالغان ئەرزان توختايدىكەن، دەپ قارىغان، شۇ سەۋەپلىك ئىلگىرى ئۆي سېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئۆي – زىمىن ۋاستىچى شىركەتلىرىنىڭ نەزىرى ئۆي – زىمىن ئىجارە بازىرىغا چۈشكەن. ئەنئەنىۋى ئىجارە بازىرىدىن باشقا، بىر قىسىم ئۆي – زىمىن شىركەتلىرى نەزىرىنى يۇقىرى كىرىملىكلەر توپى ۋە سودا، خىزمەت بىنالىرىغا قاراتقان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي – زىمىن سودىسىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، ئۈرۈمچدە ئېلىپ - سېتىلغان نىمكەش ئۆي كۆلىمى 218 مىڭ 900 كىۋادىرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 18.62 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن، ئېلىپ سېتىلغان يۈرۈشلۈك ئۆي سانىمۇ بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 31.84 پىرسەنت ئاز بولغان.

      ·دۇنيادا شوخلا بىلەن تەمىنلەشنىڭ جىددىيلىشىشىنىڭ تەسىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىز شوخلا قىيامىنىڭ چوڭ ئورالمىسىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ ئېكىسپورت باھاسى مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، 1 مىڭ 300 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 30 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئاشتى. ھەر توننا شوخلا قىيامىنىڭ بۇلتۇرقى ئوتتۇرىچە ئېكىسپورت باھاسى 650 ئامېرىكا دوللىرى بولغان ئېدى.

     ·قەشقەر تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1 – ئايدىن 4 – ئايغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ چىگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئىمپورت – ئېكىسپورت سودا سوممىسى 1 مىليارد 536 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 161 پىرسەنت ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئىمپورت سودا سوممىسى 39 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 26 پىرسەنت؛ ئېكىسپورت قىلىنغان مال 272 مىڭ 700 توننىغا، سودا سوممىسى 1 مىليارد 497 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن ئايرىم ھالدا 60 پىرسەنت ۋە 168 پىرسەنت ئاشقان.

     ·ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى باغۋەنچىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاڭ شيا يېقىندا مۇنداق دېدى: 2005 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا مۇئەسسەسەلىك يېزا ئىگىلىك كۆلىمى 409 مىڭ مو، 2006 –يىلى 494 مىڭ مو ئېدى، 2007 – يىلى بولسا 626 مىڭ موغا يەتتى. 2006 – يىلىدىن 2007 – يىلىغىچە بولغان ئىككى يىل مابەينىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇئەسسەسەلىك يېزا ئىگىلىكى كۆلىمى يىلىغا 100 مىڭ مولۇق سۈرئەتتە كېڭەيدى، 2007 – يىلى مۇئەسسەسەلىك يېزا ئىگىلىك كۆلىمى 2005 - يىلىدىكىدىن 50 پىرسەنت ئاشتى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ