باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ماكرو ئىگىلىكىگە دائىر 10 چوڭ سانلىق مەلۇمات
2008- 05- 19 11:23 شىنجاڭ گېزىتى

نوپۇزلۇق ئورۇنلار يېقىندا تەمىنلىگەن بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات بىزگە ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ پۇختا، ساغلام ئىلگىرىلىگەنلىكىنى كۆرسەتتى.

   10.6GDP پىرسەنت ئاشتى
     ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئېلىمىزنىڭ 1 – پەسىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى% 10.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن  1.1 پىرسەنت پوئېنت چۈشۈپ، بۇ پەسىل   2006 – يىلى 2 – پەسىلدىن بۇيان GDP نىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن پەسىل بولغان. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ تېزلىشىشتىن قىزىپ كېتىشكە ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇ يىلقى ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى. 1 – پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىغانلىقى ماكرولۇق تەڭشەشتىكى مۆلچەرگە ئۇيغۇن. ھازىر ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ رىتىمى، مۇھىم نۇقتىسى ۋە سالمىقىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ پەسىيىشىنىڭ زىيادە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ تېز ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر.

     8CPI پىرسەنت  ئۆستى

     سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ 1 – پەسىلدىكى ئاھالىلەر ئىستېمال باھا سەۋىيىسى  % 8 ئۆرلەپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 5.3 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. لېكىن 2 – ئايغا قارىغاندا،  3 – ئايدا CPI  سېلىشتۇرمىسى 0.7 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەپ، بۇلتۇر 12 – ئايدىن بۇيانقى سېلىشتۇرما قىممىتىدە تۇنجى قېتىم تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئۇنىۋېرسال ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ھازىر باھا ئومۇمىي سەۋىيىسى يەنىلا يۇقىرى ھالەتتە تۇرماقتا، دۆلەت ئىچىدىكى پۇل پاخاللىقى بېسىمى ناھايىتى ئېغىر. بىراق، يېقىندىن بۇيان گۆش، كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئاستا – ئاستا تۆۋەنلىشى، CPI نىڭ ئۆرلىشىنى پەيدا قىلىۋاتقان ئامىللارنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، مال باھاسىنىڭ ئىزچىل ئۆرلەش ۋەزىيىتىنىڭ پەسىيىشىدىن ئۈمىد بار.

    105 مىليون 620 مىڭ گېكتار يەرگە ئاشلىق زىرائىتى تېرىلدى

     يىل بېشىدا قار – مۇز ئاپىتى تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋەزىيىتى يەنىلا ناھايىتى ياخشى. تەكشۈرۈلۈشىچە، ئاشلىق تېرىلغان كۆلەم 105 مىليون 620 مىڭ گېكتارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى سەۋىيىگە ئاساسىي جەھەتتىن يېقىنلاشقان. بىراق، بەش يىلدىن بۇيانقى ئەتىيازدا كۆرۈلۈۋاتقان ئېغىر قۇرغاقچىلىق، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى باھاسىنىڭ ئىزچىل ئۆسۈشى ھەم خەلقئارا ئاشلىق باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى قاتارلىق ئامىللار ھازىرقى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا. بۇ يىل مەركەز يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىش ئاساسىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى. پۇل پاخاللىقى زورىيىۋاتقان ئەھۋالدا، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇزاق مۇددەت جاپالىق تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

     كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ پايدىسىنىڭ ئېشىش كۆلىمى 27.3 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى

     بۇ يىل 1 – ئايدىن 2 – ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ پايدىسى %16.5 ئېشىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 27.3 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. ئەمەلىيەتتە، نېفىت پىششىقلاش ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ پايدىسىنىڭ تۆۋەنلىشى كارخانىلار پايدىسىنىڭ ئېشىش كۆلىمىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. نېفىت، كۆمۈر باھاسى زور  دەرىجىدە ئۆسكەنلىكتىن، بۇلتۇر پايدا ئالغان نېفىتنى كوكسلاش ۋە يادرو يېقىلغۇلىرىنى پىششىقلاش سانائىتى بۇ يىل زىيانغا يۈزلەندى، ئېلېكتر ، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ پايدىسى ئوبدانلا تۆۋەنلىدى. بۇ ئىككى كەسىپتىن باشقا كەسىپلەرنىڭ پايدىسى %37.5 ئۆسۈپ، 6.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرىلىدى.

      تاشقى سودىدىكى ئوڭ بالانس %10.5 تۆۋەنلىدى

     ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 1 – پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ ئېكسپورتى% 21.4 ئۆسكەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6.4 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن بولغان. بۇنىڭ تەسىرى بىلەن تاشقى سودىدىكى ئاكتىپ بالانس 4 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئازىيىپ، %10.6 تۆۋەنلىگەن. بۇلتۇردىن بۇيانقى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقتا ياخشىلىنىش بولغان. ھازىر ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت، ئېكسپورت ۋەزىيىتى خېلى ياخشىلاندى. ئەمما ئېكسپورتنىڭ ئۆسۈشى يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئېكسپورت، ئىمپورت قۇرۇلمىسىنى ئىزچىل ئەلالاشتۇرۇپ، تاشقى سودىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىللە، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ئۈنۈملۈك سىياسەتلەرنى قوللىنىپ، تاشقى سودىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

     خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى يەتتە يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتتى

     يېقىندا خەلق پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلاش نىسبىتى يەتتە يۈەن ئەتراپىدا داۋالغۇپ تۇردى، لېكىن سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ‹‹ئالتە يۈەنلىك دەۋر››گە كىرىشى مۇقىملىشىپ قالدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا، خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى ئايرىم – ئايرىم ھالدا %1.7، % 1.1 ۋە %1.3 بولۇپ، بۇلتۇرقى% 0.6لىك ئايلىق ئوتتۇرىچە  سەۋىيىدىن ئېشىپ كەتتى. خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ تېز ئۆرلىشىنىڭ ئېكسپورتقا تايىنىدىغان ئىقتىسادقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولدى، پايدىنىڭ كۆپ قىسمى كېمىسازلىق، ماشىنىسازلىق، ئېلېكترون، توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كارخانىلىرىغا ئاقتى، بەزى شىركەتلەر تەس كۈنگە قالدى. مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بەزى كەسىپلەرگە نىسبەتەن بۇ ‹‹جاھاننى سۇ باسسا، ئۆردەككە سۇ يۇقمىغان››دەك ئىش بولدى. مەسىلەن: خەلقئارا ئېھتىياجنىڭ تۆۋەنلىشى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان ماشىنىسازلىق كارخانىلىرىنىڭ ئېكسپورتىغا ھېچقانچە تەسىر كۆرسىتەلمىدى.

     شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال پاي باھاسى كۆرسەتكۈچى %9.29 ئۆرلەپ، كۈنلۈك ئۆسۈش جەھەتتە يەتتە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى

     4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال پاي باھاسى كۆرسەتكۈچى% 9.29 ئۆرلەپ، 2001 – يىلى 10 – ئاينىڭ 23 – كۈنىدىن بۇيانقى كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈشىدىن ئېشىپ كەتتى.

     بۇنداق زور  ئۆسۈشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى شۇكى، شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال پاي باھاسى كۆرسەتكۈچى بۇلتۇر 10 – ئايدىكى 6124 نۇقتىدىن يېقىندا 3000 نۇقتا ئەتىراپىغا چۈشتى، بۇنداق چۈشۈش تېزلىكى 10 يىلدىن بۇيان ئاز كۆرۈلگەنىدى. ماركا بېجى نىسبىتىنىڭ ‰1 تۆۋەنلىتىلگەنلىكى پاي بازىرىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشىدىكى ئەڭ بىۋاسىتە ئامىل بولدى. ئەمەلىيەتتە، باشقۇرغۇچى قاتلاملار چىقارغان ‹‹ئۇنىۋېرسال مۇشت›› پاي بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. يەنى، ‹‹پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ زور مەبلىغىنى قايتىدىن تەشكىللەشنى باشقۇرۇش چارىسى››نىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن، ھەر خىل ‹‹ناھەق›› مەسىلىلەر ئاخىر ئايدىڭلاشتى، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي كېڭىشى  ‹‹ئاكسىيە شىركەتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى››نىڭ لايىھىسىنى قاراپ چىقتى ۋە پرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللىدى. 

     ئېلىمىزدىكى 70 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردە ئۆي باھاسى% 11 ئۆرلىدى

       1 – پەسىلدە ئېلىمىزدىكى 70 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردە ئۆي باھاسى% 11 ئۆرلەپ، باھانىڭ ئۆرلەش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىدى. يېڭى ئۆيلەرنىڭ باھاسىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئايدىكى ئۆسۈشى% 0.3تىن% 0.2گىچە بولۇپ، بۇلتۇرقى% 1لىك ئايلىق ئوتتۇرىچە ئۆسۈشتىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل 3 – ئايدا 13 شەھەردە ئۆيلەرنىڭ باھاسى تۆۋەنلىدى، لېكىن پاي بازىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئوبوروتىدىن يانغان مەبلەغ ئۆي باھاسىنى يەنە ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن. ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى، خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئېشىشى، پولات ماتېرىياللىرى، ئادەم كۈچى تەننەرخىنىڭ تېز  ئۆرلىشى بىلەن، بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەش بېسىمى كۈچەيدى. شۇڭا ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇش كېرەك.

     3مىليون 30مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى

     سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1 – پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ شەھەر – بازارلىرىدا 3 مىليون 30 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، پۈتۈن يىلدا 10 مىليون ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنىڭ% 30.3ى ئورۇندالدى. بۇئىقتىسادنىڭ تېز ئېشىۋاتقانلىقى ۋە دۆلەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقان بىرقاتار ئاكتىپ سىياسەتلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى. ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا نۇرغۇن ئېنىقسىز مەسىلە مەۋجۇت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى كەسكىنرەك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تىرىشىپ، ياخشى ئىشلەش ئالدىمىزدىكى مۇھىم، مۈشكۈل ۋەزىپە.

     چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە مەبلىغى %61.3 ئۆرلىدى

     ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 1 – پەسىلدە ئېلىمىز ئەمەلىي ئىشلەتكەن چەت ئەل مەبلىغى 27 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يېتىپ، % 61.3 ئۆرلىگەن، ئۆسۈش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 49.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. چەت ئەل مەبلىغىگە قارىتىلغان شەرتلەر ئېغىرلاۋاتقان، كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەننەرخى ئېشىۋاتقان شارائىتتا، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغىنىڭ زور مىقداردا ئېشىشى،  چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.    

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ