|
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەركىزى 30 – ئاپرېل شەھەر ئاھالىسىنى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ پەيدا بولىدىغان ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسىلىنىڭ تارقىلىشى ۋە يامرىشىنى تىزگىنلەش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسىلى ياز، كۈز پەسلىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان ۋە قوزغىلىدىغان كېسەل. ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆرۈلگەن ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسىلىدىن باكتېرىيە مەنبەلىك يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش، باكتېرىيىلىك تولغاق، كېزىك، باكتېرىيىلىك جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلار بار. كۆپ سانلىق كىشى ئاسان يۇقۇملىنىدۇ، بولۇپمۇ بالىلار ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.
ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسىلى سۇ، يېمەكلىك، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇچرىشىش ۋە چىۋىن ئارقىلىق تارقىلىدۇ. تارقىلىش يولىنى توسۇش، چىۋىنلەرنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق كېسەل ۋىرۇسىنىڭ سۇ مەنبەسى، يېمەكلىكنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ بىر تەدبىرى ئاسان تەسىرگە ئۇچرايدىغان كىشىلەرنى ئالاھىدە ئىممۇنىتېتلاش، ھەر خىل ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش كېرەك. مەسىلەن: تولغاق ۋاكسىنىسىنى ئەملەپ تولغاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېزىك ۋاكسىنىسىنى ئەملەپ كېزىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، A ۋە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەپ، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
شەخسلەر شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىشى، تاماق يېيىشتىن بۇرۇن ۋە تەرەت قىلغاندىن كېيىن قولىنى يۇيۇشى، پاكىز سۇ ئىچىشى، قاينىمىغان سۇ نى ئىچمەسلىكى، خام ھەم پاكىز بولمىغان يېمەكلىكنى يېمەسلىكى، ئىدارە ۋە ئائىلىدە چىۋىن ئۆلتۈرۈشكە سەل قارىماسلىقى كېرەك. كېسەلنىڭ ئېغىزدىن كىرىشىنى توسقاندىلا، ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
EV71 ۋىرۇسى بوۋاقلار ھەم بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل، ئاساسلىقى بىر ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئادەم بىلەن ئادەم ئۇچراشقاندا ئەڭ ئاسان تارقىلىدۇ. ئائىلە بىلەن بالىلار باغچىسىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ ئۆزىنى چەكلەش خاراكتېرى بولغاچقا، ھازىرغىچە ئالاھىدە ۋاكسىنا ياسالمىدى، شۇڭا دەسلەپ بايقالغاندا كېسەلنى باشقىلاردىن ئايرىش كېرەك. مۇھىم ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى مۇنداق بولىدۇ: ئاشخانا جابدۇقلىرى، كىيىم – كېچەكلەرنى قايناق سۇدا دېزىنفېكسىيىلەش، ئويۇنچۇق ۋە كىتابلارنى ئاپتاپقا سېلىش ۋە دېزىنفېكسىيىلەش، كوللېكتىپ ئورۇنلار ئاشخانا جابدۇقلىرى ۋە جابدۇقلارنى دېزىنفېكسىيىلەش ۋە مەخسۇس ئىشلىتىش، ئۆي ئىچى ۋە مۇھىت تازىلىقىنى ياخشى قىلىش، كۈندە ئەتىگەندە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، كېسەلنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە ئايرىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
|