باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۈچەي يولى كېسىلى ئامبۇلاتورىيىسى تەسىس قىلىندى
2008- 05- 19 11:16 شىنجاڭ گېزىتى

     يېقىندا ئەنخۇي فۇياڭدا بالىلارنىڭ ئۈچەي يولى (EV71 ۋىرۇسى) بىلەن يۇقۇملىنىش كېسىلىنىڭ كۆرۈلۈشى ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسىلىنىڭ ھەر قاچان يۈز بېرىش خەتىرى بارلىقىدىن دېرەك بەردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەركىزى شەھىرىمىزدىكى ھەر قايسى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن 1 – مايدىن باشلاپ ئۈچەي كېسىلى ئامبۇلاتورىيىسى تەسىس قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش مەركىزى يېقىندا شەھىرىمىزنىڭ ھەر قايسى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى ئالاقىدار خادىملارنى باكتېرىيىلىك ئۈچەي يولى كېسىلىنى كۆزىتىش – تەكشۈرۈش بىلىمىلىرى بويىچە تەربىيىلەپ، ئۈچەي كېسىلى ئامبۇلاتورىيىسى تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلدى ھەم تەكشۈرگەن ئىچى سۈرۈش كېسىلى بىمارلىرىنى تىزىملاش، ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشنى، بالدۇر بايقاشنى، بالدۇر مۇداپىئە كۆرۈشنى تەلەپ قىلدى.

     كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەركەزلىرىمۇ مايدىن ئۆكتەبىرگىچە بولغان مەزگىلدە، ئېقىنلار، سۇ مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك قاتارلىقلارنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈپ، مۇھىتتىكى خەتەرلىك ئامىللارنىڭ يۇقۇم پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ