|
بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەمگەكچى خەلق بايرام شادلىقىغا چۆمگەن قۇتلۇق كۈن. بۇ 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىككى خانە بويىچە تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىرگەن تۇنجى كۈن. بۇ بايرام تەنتەنىسى بىلەن ئولىمپىك تەنتەنىسى دىللارغا چەكسىز شاد – خۇراملىق، قەلبلەرگە جۇشقۇن ھېس – ھاياجان ئاتا قىلىۋاتقان ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرە كۈن. مانا مۇشۇنداق خاسىيەتلىك كۈنلەردە، ئۈرۈمچىدىكى ‹‹ئىلتىس›› مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى ‹‹ئىلتىس›› مەرىپەت مائارىپ تەربىيىلەش مەركىزى ئۈرۈمچى، سانجى، ئىلى، قەشقەر، قاراماي قاتارلىق جايلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن كەلگەن ‹‹شاكىچىك››لەر بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى جانلىنىپ كەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق شاھماتچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، ئۈرۈمچى ‹‹ئىلتىس›› مەدەنىيەت تەرەققىيات شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ‹‹ئولىمپىكنى كۈتۈۋېلىش ئاپتونوم رايون بويىچە 2008 – يىللىق ياشلار، ئۆسمۈرلەر خەلقئارا شاھمات مۇسابىقىسى›› بۇ يەردە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر گۇرۇپپىسى بويىچە ئۈچ كۈن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن 180 نەچچە ياش – ئۆسمۈر شاھماتچى ئۆز ئارا بەسلەشتى. مۇسابىقىگە قاتناشقان شاھماتچىلارنىڭ ئەڭ چوڭى 18 ياش، ئەڭ كىچىكى ئالتە ياش بولۇپ، ئۇلار يۇقىرى ماھارىتى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شاھمات قىزغىنلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ئاپتونوم رايونىمىز شاھماتچىلىقىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىدىن بېشارەت بەردى.
‹‹ئەقىل گىمناستىكىسى›› دەپ تەرىپلىنىدىغان شاھمات ئاپتونوم رايونىمىزدا كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە. شۇڭا شاھمات كۆپ يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ھەۋەسكارلارنى ئۆزىگە رام قىلىپ، ئامما ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدا يېتىشىپ چىققان بىر قىسىم شاھماتچىلىرىمىز مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىشتىن سىرتقى شاھمات مۇسابىقىلىرىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز شاھماتچىلىقىنىڭ سەۋىيسىنى نامايان قىلدى. بىراق، دۇنيا چېمپىيونلىرى ئۈزلۈكسىز يېتىشىپ چىقىپ، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا شاھمات سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئاپتونوم رايونىمىز شاھماتچىلىقى كەسىپلىشىش ئېقىمىغا يېتىشىپ بولالماي، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن ئارقىدا قالدى. ئىقتىسادنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىق ئەمەلىي قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى سەۋىيىلىك شاھمات مۇسابىقىلىرى ۋاقتى – ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلمەي، تالانتلىق شاھماتچىلار بايقىلىش، چېنىقىش، يۇقىرى سەۋىيىلىك شاھماتچىلىرىمىز تالانتىنى نامايان قىلىش، ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. مۇشۇنداق چاغدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي كارخانىچىلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، شاھمات مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز شاھماتچىلىقىنى قوللاش روھىنى نامايان قىلدى. بۇلتۇر ئۈرۈمچى خالمۇرات قۇم يالقۇنى پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹خالمۇرات پەن – تېخنىكا لوڭقىسى›› خەلقئارا شاھمات مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، شاھمات ھەۋەسكارلىرىغا ماھارەت كۆرسىتىش، ئۆز ئارا ئۆگىنىش سورۇنى ھازىرلىغانىدى. بۇ قېتىم خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن ئۈرۈمچى ‹‹ئىلتىس›› مەدەنىيەت تەرەققىيات شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ ئولىمپىكنى قوللاش، ئولىمپىككە قاتنىشىش روھىنى نامايان قىلىش، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە چېنىقىش، ماھارەت كۆرسىتىش سورۇنى ھازىرلاش ئۈچۈن، بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، شاھمات ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى.
— شاھمات ئەقىل بۇلىقى، تەپەككۇر، زېھنىنى ئاچىدىغان تەنھەرىكەت تۈرى، – دېدى ئۈرۈمچى ‹‹ئىلتىس›› مەدەنىيەت تەرەققىيات شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياسىنجان ئىسمائىل، شىركىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش، بىلىم سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتلەردە تېگىشلىك بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ كەلدۇق. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق تۈرلۈك شەكىل، مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر بىلەن ئولىمپىك قىزغىنلىقىغا جور بولماقتا. بىز ‹‹قاتنىشىش غەلىبە قىلىشتىنمۇ مۇھىم›› دېگەن ئولىمپىك روھىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ بايراملىق مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن قوللاش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئولىمپىكنى كۈتۈۋېلىش كەيپىياتىغا تېگىشلىك ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇردۇق. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يۇقىرى سەۋىيىلىك مۇسابىقىلەرنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا ھەسسە قوشىمىز.
— بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ھازىرغىچە ئۆتكۈزۈلگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاتناشقۇچىلىرى ئەڭ كۆپ، سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى ياشلار، ئۆسمۈرلەر شاھمات مۇسابىقىسى، – دېدى ئاپتونوم رايونلۇق شاھماتچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى كۈرەش ئىبراھىم، ئاپتونوم رايونىمىز شاھماتچىلىقى ھەۋەسكارلىرى ۋە ئىشتىراكچىلىرىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، لېكىن سەۋىيىسى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن تۆۋەن. بۇنداق بولۇشىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. ئەڭ مۇھىمى، تالانتلىق شاھماتچىلارنى تەربىيىلەپ، سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈش، كەسپىي شاھمات مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتۇرۇشقا مەبلەغ كەمچىل. بىراق، بۇ توسالغۇلارمۇ ھامان ھەل بولىدۇ. ‹‹ئىلتىس›› شىركىتىنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى سەۋىيىلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر شاھمات مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەنلىكى كارخانىچىلىرىمىزنىڭ قىممەت قارىشىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدا تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن مۇنتىزىم، سىستېمىلىق تەربىيىلىنىۋاتقان تالانتلىق ئۆسمۈر شاھماتچىلار ئاز ئەمەس.
‹‹ئىلتىس›› شىركىتىدەك كارخانىلار ئۇلارغا كۆپلەپ ماھارەت كۆرسىتىش سەھنىسى ھازىرلاپ بېرىدىغانلا بولسا، كارخانىچىلىرىمىزنىڭ قوللىشى، خەلقىمىزنىڭ داۋاملىق قىزغىن ئىشتىراك قىلىشى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز شاھماتچىلىقى پات ئارىدا ئۆزىنىڭ يېڭى باھارىنى كۈتۈۋالىدۇ.
|