باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
دېھقانلارنىڭ يەر تېرىشىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان كۆپ خىل پاسسىپ ئامىل تۈگىتىلىدۇ
2008- 05- 19 10:36 شىنجاڭ گېزىتى

     يېقىندىن بېرى يەرشارىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئاشلىق كرىزىسى كۆرۈلدى. ئىقتىساد يەرشارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز چوقۇم بالدۇر تەييارلىق قىلىپ ۋە تەدبىر قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ يەر تېرىشىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان كۆپ خىل پاسسىپ ئامىلنى تۈگىتىشىمىز كېرەك.

     شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ھەر قانداق دېھقان يۇرتىدىن ئايرىلىپ سەرسان بولۇشنى خالىمايدۇ، لېكىن ھازىر بەزى دېھقانلار يۇرتىدا خاتىرجەم تېرىقچىلىق قىلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۇرتتا بىر يىل جاپا تارتىپ ئىشلىگەندىن كۆرە، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپقان ياخشىكەن، دەيدىغان بولۇپ قالدى.

     بۇنىڭدىن تۆت يىل بۇرۇن مەركەز تەدبىر قوللىنىپ دېھقانلارغا بىۋاسىتە تولۇقلىما بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرغانىدى. بۇ تەدبىر يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇنىڭ كۆلىمى، تۈرى، سوممىسى، باشقۇرۇلۇش ئۇسۇلى ئىزدىنىش باسقۇچىدا بولغاچقا، بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلدى. يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن تۈزۈم، بولۇپمۇ ئاگاھلاندۇرۇش تەدبىرى ۋاقتىدا چىقىرىلمىغانلىقتىن، بىۋاسىتە تولۇقلىما تولۇق ئەمەلىيلەشمىدى، ساختىلىق قىلىش، يالغان مەلۇم قىلىش ئەھۋاللىرى يامراپ كەتتى. سىياسەت ياخشى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، كۆزلىمە رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى، ئاشلىق تېرىش كۆلىمى ئازىيىپ كېتىش ۋەزىيىتى توسۇپ قېلىنمىدى.

     ئالاقىدار تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ دېھقانلارنى يەرنى قەدىرلەشكە ئۈندىشى، ئاشلىق تېرىسا پايدا ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ ‹‹دۇنيادىكى كۆپ قىسىم ئاشلىقنى زاپاس ساقلاشنى  خالايدىغان دۆلەت›› دېگەن نامى بار. بۇ، ئۇلاردا كرېدىت، باج پىشاڭى ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئاشلىق تېرىغۇچىلارنى قوغداشقا دائىر مۇكەممەل قانۇن – تۈزۈملىرى بار بولغاندىن سىرت، يەنە يېزا ئىگىلىكىگە تولۇقلىما بېرىش سىجىل سىياسىتى، مۇۋاپىق تولۇقلىما ئۆلچىمى، پىشىپ يېتىلگەن تولۇقلىما تارقىتىشقا نازارەت قىلىش – ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت باشقۇرۇش سىستېمىسى، ئىلمىي ئاشلىق سېتىۋېلىش، زاپاس ساقلاش تۈزۈمى بولغانلىقىدىندۇر. يۇقىرىقىدەك تۈزۈم بولغانلىقتىن، ئامېرىكىدا دېھقانلار ۋە بەزى سودا شىركەتلىرى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، زاپاس ساقلاش قاتارلىق ھالقىلارغا ئارىلىشىشنى خالايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ تەجرىبىلىرى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

‹‹گېزىت – ژۇرناللاردىن تەرمىلەر›› دىن
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ