باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
2010–يىلى مەمۇرىي ئىجازەت تۈرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى توردا بېجىرىلىدۇ
2008- 05- 19 10:34 شىنجاڭ گېزىتى

     يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ 11 – بەش يىللىق پىلانى››نى رەسمىي بېسىپ تارقاتتى.

     پىلاندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھۆكۈمەت تور پونكىتلىرى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىدىغان مۇھىم يولدۇر، %50 تىن كۆپ مەمۇرىي ئىجازەت تۈرى توردا بېجىرىلىدۇ، توردا تاپشۇرۇشقا مەلۇم قىلىنغان باج سوممىسى تاپشۇرۇلىدىغان ئومۇمىي باج سوممىسىنىڭ %50 ىنى ئىگىلەيدۇ. بانكا كارتىسى ئارقىلىق ئىستېمال قىلىنغان سومما ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرى پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %20 ىدىن ئاشۇرۇلىدۇ. مەملىكەت بويىچە تېلېفون ئابۇنىچىلىرى 1 مىلياردقا، سىملىق تېلېۋىزور ئابۇنىچىلىرى 170 مىليونغا يەتكۈزۈلىدۇ.

     پىلاندا ئۇچۇر ئاساسىي ئەسلىھەلىرى نىشانى توغرىسىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەر بىر كەنتتە 20دىن كۆپ ئائىلىگە توك، رادىئو – تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى يەتكۈزۈش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، شەرقىي ۋە ئوتتۇرا رايونلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەر ۋە غەربىي رايونلاردىكى ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەردە سىملىق تېلېۋىزىيە ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ ھەم رەقەملەشتۈرۈشكە ئۆزگەرتىلىدۇ.

     پىلاندا يەنە خەلقنىڭ ئۇچۇردىن پايدىلىنىش ساپا نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك دەرسلەر ئومۇميۈزلۈك تەسىس قىلىنىدۇ، يېزىلاردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە كومپيۇتېر دەرسخانىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلىنىدۇ، يېزىلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئاڭلاش نۇقتىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلىنىدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگىلەپ بولىدۇ. ھۆكۈمەت ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەر ۋە كارخانا باشقۇرغۇچىلار بەش يىل ئىچىدە ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك تەربىيىلىنىپ بولىدۇ، مەمۇرلار ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا دائىر ئاساسىي ماھارەتنى ئىگىلەپ بولىدۇ.

     پىلاندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2010 – يىلىغىچە ئېلىمىزنىڭ ئۇچۇر كەسپى جەھەتتىكى نىشانى مۇنداق: ئۇچۇر كەسپىدىن قىلىنىدىغان ئومۇمىي كىرىم 10 تىرىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ، قوشۇلما قىممەت 2 تىرىليون 800 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ GDPدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %10 تىن ئاشۇرۇلىدۇ. يىللىق سېتىلىش كىرىمى 50 مىليارد يۈەندىن ئاشقان كارخانىلار ئوندىن ئاشۇرۇلىدۇ.

‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى›› دىن

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ