باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
بەش ساھە باھا جەھەتتە ئەڭ كۆپ پاش قىلىنغان
2008- 05- 19 10:33 شىنجاڭ گېزىتى

      دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر يولۇچى توشۇش باھاسى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى، مائارىپتىكى تۈرلۈك ناملاردىكى ھەق ئېلىش، ئۆي – زېمىن باھاسى ۋە خوجىلىق باشقۇرۇش ھەققى، دورا ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى، نېفىت باھاسىغا چېتىشلىق بەش ساھەنىڭ قالايمىقان ھەق ئېلىش قىلمىشلىرى ئۈستىدىن پاش قىلغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغان. بۇ بەش ساھەدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلو 29 مىڭ 596 گە يېتىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئومۇمىي دېلونىڭ %67.5ىنى ئىگىلىگەن.

    دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن پاش قىلىنغان دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئامما ئىنكاس قىلغان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى باھا زىددىيەتلىرى، ماجىرالىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ باھا زىددىيىتىنى پەسەيتىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، باھا توغرىسىدا پاش قىلىنغان دېلولارنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەرتىپ ۋە سۇبستانسىيە جەھەتتىن نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، دېلولارنى بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇھىم دېلولارنى بىۋاسىتە بېجىرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەزگە قاراشلىق كارخانا، كەسپىي، ئورۇنلارغا چېتىشلىق پاش قىلىنغان دېلولار ۋە كۆپ قېتىم پاش قىلىنغان، تەسىر دائىرىسى كەڭ مۇھىم دېلولارنى بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، پاش قىلىنغان دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. جايلاردىكى باھا باشقۇرۇش تارماقلىرى باھا توغرىسىدا پاش قىلىنغان دېلولارنى تەكشۈرۈش – بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ، باھادا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان تىپىك دېلولارنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق قەرەللىك ئاشكارىلىشى كېرەك. 

 ‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى›› دىن  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ