باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى باھاسىنىڭ تېز ئۆسۈشى دېھقانلار ئالىدىغان نەپكە زور تەسىر يەتكۈزدى
2008- 05- 19 10:32 شىنجاڭ گېزىتى

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركەز دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ بىر يۈرۈش ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، دېھقانلارغا نىسبەتەن، بۇ بىر ياخشى ئىش ئىدى. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نېفىت، توك، كۆمۈر، سۇ قاتارلىق ئاساسىي مەھسۇلاتلار ۋە خىمىيىۋى ئوغۇت، يەم – خەشەك قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ باھاسى زور نىسبەتتە ئۆسكەنلىكتىن، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىمۇ مۇناسىپ ئېشىپ باردى. دۆلەتنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ئاشلىق تېرىش تەننەرخىنىڭ تېز ئېشىپ كېتىشى بىلەن كۈچىنى يوقىتىۋاتىدۇ.

     دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى خېبېي تەكشۈرۈش باش ئەترىتى ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خېبېي ئۆلكىسىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ باھاسى 2003 – يىلى 11 – ئايدا ئۆسكەندىن بۇيان يەنە ئۇدا ئۈچ يىل ئايرىم – ئايرىم %6.7، %6.8 ۋە %1. ئۆسكەن. بۇلتۇر تېخىمۇ ئۆسۈپ، يىل ئاخىرىغا كەلگەندە ئالدىنقى يىلىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %12.6 ئاشقان. بۇ يىل 1 – ئايدا ئالدىنقى يىلىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %13.6 ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن.

     يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىل 1 –  ۋە 2 – ئايدا مۇتلەق كۆپ ساندىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. بۇ يىل 2 – ئايدا بەزى خىمىيىۋى ئوغۇتلارنىڭ باھاسىمۇ بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %40 ئۆسكەن. دېھقانچىلىققا كېرەكلىك دىزېلىن، يەم – خەشەك، سۇلىياۋ يوپۇق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ باھاسىمۇ %10 ئۆسكەن.

     بەزى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ باھاسى ئۇدا ئۆسكەنلىكتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆسۈش نىسبىتى ئاشلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكتىن، ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارغا بەرگەن تولۇقلىمىلىرىنىڭ كۈچى ئاساسىي جەھەتتىن يوققا چىققان، بۇنىڭ بىلەن، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىغا زور تەسىر يەتكەن. ئاشلىقنى كۆپ تېرىيدىغان بەزى دېھقانلارنىڭ ھېسابلاپ كۆرۈشىچە، بۇلتۇر ھەر مو يەرگە تېرىلغان زىرائەتتىن بارلىق تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئالغان ساپ پايدىسى 150 يۈەن بولغان بولسا، بۇ يىل باھانىڭ داۋاملىق ئۆسۈشى بىلەن دېھقانلارنىڭ بىرمو يەردىن ئالىدىغان ساپ پايدىسى 50 يۈەنگىمۇ يەتمەيدىكەن.

‹‹تەرمىلەر گېزىتى›› دىن
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ