باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى1300يۈەندىن تۆۋەنلەر نامراتلار دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى
2008- 05- 19 10:31 شىنجاڭ گېزىتى

      گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى تۈزگەن نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى چارىدە يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 1300 يۈەنگە يەتمىگەنلەرنى نامراتلار دائىرىسىگە كىرگۈزۈش بەلگىلەندى. بۇنداق بولغاندا، ئېلىمىزدىكى نامراتلار ھازىرقى 40 مىليوندىن كۆپىيىپ 80 مىليونغا يېتىدۇ. بۇ تېخىمۇ كۆپ ئاھالىنىڭ نامراتلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن مەنپەئەت ئالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

      1985 – يىلى ئېلىمىزدە يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 200 يۈەنگە يەتمىگەنلەر نامراتلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنىدى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۆلچەم مال باھاسى كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن ھەر يىلى ئاز – ئازدىن تەڭشىلىپ كەلدى. نامراتلىق چېكى ئۆلچىمىدە يەنە يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى تېخىمۇ ئاز كۆك نامراتلار ئۆلچىمىمۇ بېكىتىلدى. بۇ يىل ئېلىمىزدە كۆك نامراتلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىم ئۆلچىمى 785 يۈەندىن تۆۋەن، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم ئۆلچىمى 786 يۈەندىن 1067 يۈەنگىچە بولۇش بېكىتىلدى. 

      ئەمەلىيەتتە، ئېلىمىزدە نامراتلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم ئۆلچىمى بەك تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت. دۇنيا بانكىسى ھەر بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك كىرىمىنىڭ بىر دوللار بولۇشىنى ئەڭ تۆۋەن نامراتلىق ئۆلچىمى قىلىپ بېكىتكەنىدى.

     بۇلتۇر ئۆكتەبىردە باش شۇجى خۇجىنتاۋنىڭ 17 – قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدا: نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى تەدرىجى ئۆستۈرۈلىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىزمەت گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەر تەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى. گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ بىر مەسئۇلى: لايىھىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىدا نامراتلىق ئۆلچىمى سېتىۋېلىش كۈچى بويىچە ھېسابلىنىپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك كىرىم ئۆلچىمى بىر دوللار بولۇش بەلگىلەنگەنىدى، دېدى.

     نامراتلىق ئۆلچىمىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى بىلەن ئېلىمىزدە نامراتلارنىڭ سانىمۇ ئېشىپ، مۆلچەر بويىچە 70 مىليوندىن 80 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن. دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىمىز يېزىلىرىدا نامراتلار 43 مىليون 200 مىڭغا، بۇنىڭ ئىچىدە كۆك نامراتلار 14 مىليون 790 مىڭغا، تۆۋەن كىرىملىكلەر 28 مىليون 410 مىڭغا يەتكەن.

      بۇ قېتىمقى نامراتلىق ئۆلچىمىنى تەڭشەشتە كۆك نامراتلىق ئۆلچىمى بىلەن تۆۋەن كىرىملىكلەر ئۆلچىمى بىرلەشتۈرۈلۈپ نامراتلىق ئۆلچىمى، دەپ ئاتالدى. يېڭىدىن بېكىتىلگەن نامراتلىق ئۆلچىمىدە نامراتلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى قامداشقا كېتىدىغان كىرىمگىلا دىققەت قىلىنىپ قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ مائارىپ، داۋالىنىش كاپالىتى جەھەتتىكى چىقىملىرىمۇ كۆزدە تۇتۇلدى.

      بۇرۇن ئېلىمىزدە نامراتلارنى يۆلەشتە كىيىنىش – تويۇنۇش مەسىلىسى ھەل بولغانلارنىڭ نامراتلىق مەسىلىسى ئەمەس، ئاساسلىقى، كۆك نامراتلارنىڭ نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كۆزدە تۇتۇلاتتى. ھازىر نامراتلارنى  يۆلەشتە نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ. نامراتلىق ئۆلچىمىنىڭ تەڭشىلىشى بىلەن، ئېلىمىزدە نامراتلارنى يۆلەشتە يۆلەك ئوبيېكتى، مۇھىم نۇقتا ۋە سىياسەتلەردىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. 

 ‹‹تەرمىلەر گېزىتى››دىن  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ