|
* دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 15–ماي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا دۆلىتىمىز شەھەر بازارلىرىنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 2 تىرلىيون 841 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 25.7 پىرسەنت ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 0.2 پوئىنت يۇقىرى بولغان؛ بۇ يىل 1 – ئايدىن 4 – ئايغىچە، بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كەسپلەرگە سېلىنغان مەبلەغ ئايرىم ھالدا 32 مىليارد يۈەن، 1 تىرلىيون 251 مىليارد 200 مىليون يۈەن ۋە 1 تىرلىيون 557 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 71.6 پىرسەنت، 25.9 پىرسەنت ۋە 24.9 پىرسەنت ئاشقان؛ سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 – ئايدىن 4 – ئايغىچە مەملىكەت بويىچە ئۆي – مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 695 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، 32.1 پىرسەنت ئاشقان.
* دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 15–ماي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، 4 – ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر ، مەملىكىتىمىز شەھەر ، بازارلىرىدا 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان ، نۆۋەتتە يولغا قويۇلىۋاتقان تۈر 137 مىڭ 876 بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 15 مىڭ 209 ى كۆپەيگەن.
* دۇنيادا شوخلا بىلەن تەمىنلەشنىڭ جىددىيلىشىشىنىڭ تەسىرىدە ، ئاپتونوم رايونىمىز شوخلا قىيامىنىڭ چوڭ ئورالمىسىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ ئېكىسپورت باھاسى مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ ، 1 مىڭ 300 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 30 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئاشتى. ھەر توننا شوخلا قىيامىنىڭ بۇلتۇرقى ئوتتۇرىچە ئېكىسپورت باھاسى 650 ئامېرىكا دوللىرى بولغان ئىدى.
* قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ، قازاقىستاندىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر بىرلەشمىسى شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىشىپ مۇشۇ ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 31 – كۈنىگىچە ئۆتكۈزىدىغان ‹‹2008 – يىللىق جۇڭگو – قازاقىستان شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستى مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى›› ۋە ‹‹ئىككىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو – قازاقىستان مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى›› شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستىنىڭ مەركىزى ئۇست – كامىنو گورسىك شەھىرىدە ئۆتكۈزىلىدۇ.
* قەشقەر تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1 – ئايدىن 4 – ئايغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ چىگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئىمپورت – ئېكىسپورت سودا سوممىسى 1 مىليارد 536 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 161 پىرسەنت ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئىمپورت سودا سوممىسى 39 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 26 پىرسەنت؛ ئېكىسپورت قىلىنغان مال 272 مىڭ 700 توننىغا، سودا سوممىسى 1 مىليارد 497 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن ئايرىم ھالدا 60 پىرسەنت ۋە 168 پىرسەنت ئاشقان.
|