|
ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش– تىزگىنلەش باشقارمىسىنىڭ خادىمى مۇنداق دېدى:
يېقىندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېغىز، قول، پۇت ئەسۋەلەش كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلاردىن ئون نەچچىسى بايقالدى، ئېغىز، قول، پۇت ئەسۋەلەش كېسىلى قانداق يول بىلەن يۇقىدۇ؟ كىلىنىكىدا قانداق ئالامەتلىرى بار؟ قانداق مۇداپىئەلىنىش كېرەك؟
7 – ماي، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىمچە، ئېغىز، قول، پۇت ئەسۋەلەش كېسىلى يازدا كۆپرەك يۈز بېرىدىكەن، بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىكەن. يوشۇرۇن مەزگىلى ئىككى كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولۇپ، كۆپ ساندىكى ئاغرىقلاردا بۇ خىل كېسەل تۇيۇقسىز قوزغىلىدىكەن. بىر قىسىم ئاغرىقلاردا دەسلەپكى مەزگىلدە يۆتىلىش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، كۆڭلى ئاينىش، ياندۇرۇش قاتارلىق يېنىك زۇكام ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن، ئاساسلىقى ئېغىز، قول، پۇت قاتارلىق جايلارنىڭ تېرە، شىللىق پەردىلىرىگە دۆڭچە تاشما ۋە قاپارتقۇ چىقىدىكەن، كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئاساسلىقى ئېغىز، قول، پۇت، ساغرىدا كۆرۈلىدىكەن. ئادەتتە كېسەل بولغاندىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە يۇقۇمچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولىدىكەن. بۇ كېسەل ئاغرىقلارنىڭ چوڭ تەرىتى، قاپارتقۇ سۈيى ۋە نەپەس يولى ئاجراتمىلىرى ھەم يۇقۇملانغان قول، لۆڭگە، قولياغلىق، چىش چوتكىلاش ئىستاكانى، ئويۇنچۇق، قاچا – قۇچا، كارىۋات بۇيۇملىرى، ئىچ كىيىم شۇنداقلا داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلاردىن يۇقىدىكەن. ئېغىز، قول، پۇت ئەسۋەلەش كېسىلىنىڭ جەريانى خېلى قىسقا بولۇپ، بىمار بىر ھەپتە ئىچىدە تولۇق ساقىيىپ كېتىدىكەن، ساقايغاندىن كېيىن ئەھۋالى ياخشى بولىدىكەن، تاسادىپىي ئەھۋالدا يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى، مىكروبسىز مېڭە پەردە ياللۇغى، ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى، ئۆپكە قاناش ۋە جىددىي خاراكتېرلىك ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلىدىكەن.
قانداق قىلغاندا ئېغىز، قول، پۇت ئەسۋەلەش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش باشقارمىسىنىڭ خادىمى مۇنداق دېدى: ئاتا – ئانىلار كېسەل تارقالغان مەزگىلدە بالىلارنى جامائەت سورۇنلىرىغا ئېلىپ بارماسلىقى، ئېغىز، قول، پۇت ئەسۋەلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق، قاچا – قۇچا، كىيىم – كېچەك، لازىمەتلىكلىرىنى دائىم دېزىنفېكسىيىلەش، بالىلارنىڭ شەخسىي تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ، بالىلاردا تاماقتىن ئىلگىرى، تەرەتتىن كېيىن قول يۇيىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشى، ‹‹قولنى پاكىز يۇيۇش، قايناق سۇ ئىچىش، پىششىق تاماق يېيىش، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش، كىيىم – كېچەك، يوتقان – كۆرپىلەرنى ئاپتاپقا سېلىش››قا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەكتەپ ۋە يەسلىلەر ئەتىگەنلىك تەكشۈرۈش، ئاممىۋى بۇيۇم ۋە ئەسلىھەلەرنى كۈندە دېزىنفېكسىيىلەش، يېمەك – ئىچمەك تازىلىقى ۋە ئولتۇراق جاي مۇھىتىنىڭ پاكىز، ھاۋا ئۆتۈشچانلىقىنى ساقلاش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. غەيرىي ئەھۋال بايقالسا، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش تارماقلىرىغا ۋاقتىدا خەۋەر قىلىشى كېرەك.
|