|
23 – ئاپرېل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 11 كەچلىك بازار ئېچىلغان كۈن.
شۇ كۈنى سائەت 7 دە، مەن ‹‹1 – ماي›› كەچلىك بازىرىغا كەلدىم. يىراقتىن قارىغاندا، كەچلىك بازار چىراغ نۇرىدىن بىر نۇر بەلبېغىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، كەچلىك بازارنىڭ ئاسمىنىنى سېرىق رەڭگە كىرگۈزگەنىدى. كەچلىك بازارنىڭ ئىچىدىكى نەچچە يۈز مېتىر كوچىدا تىجارەتچىلەرنىڭ خېرىدار چاقىرىپ توۋلاشلىرى، كۈلكە ئاۋازى، ۋاراڭ – چۇرۇڭ بىرلىشىپ، بازار ناھايىتى قىزىپ كەتكەندەك تۇراتتى.
ئۈرۈمچىگە كاماندىروپكىغا كەلگەن شۈ شىنشياڭ ماڭا ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹كەچلىك بازار ناھايىتى پاكىز، ناھايىتى رەتلىك، تەرتىپىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەن››. ئۇ خىزمەت سەۋەبىدىن ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن جايلارغا شۇنداقلا بەزى شەھەرلەردىكى كەچلىك بازارلارغىمۇ بارغان ئىكەن، لېكىن ئۇ يەرلەردىكى كەچلىك بازارلاردا بىر نەرسە يېيىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدىكەن، لېكىن ئۈرۈمچىدىكى كەچلىك بازاردا ئۇ ناھايىتى خاتىرجەم ھالدا ئاچچىق – چۈچۈك پىشۇرۇلغان پاچاق ۋە كاۋاپ يېگەندىن سىرت، كەچلىك بازاردىن ئايرىلىدىغان چاغدا يەنە شىنجاڭنىڭ يەرلىك تاۋۇز – قوغۇنىنىمۇ تېتىپ باقىدىكەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ‹‹1 – ماي›› كەچلىك بازىرى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، يولۇچىلار يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭىدىكەن، يايمىچىلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىكەن، تاماق يېمەكچى بولغانلار يېگۈسى كەلگەن نەرسىنى كۆرسە، شۇ يايمىنىڭ كەينى تەرىپىگە بېرىپ ئولتۇرىدىكەن، بۇنداق بولغاندا، يولۇچىلارغىمۇ تەسىر يەتمەيدۇ، تاماق يەيدىغانلارمۇ خاتىرجەم تاماق يەيدىكەن››. مەن كەچلىك بازارنىڭ ئىچىنى بىر ئايلىنىپ چىقتىم، يوللار پاكىز، رەتلىك ئىكەن، يايمىچىلارمۇ تازىلىققا ناھايىتى ئېتىبار بېرىدىكەن، شۇڭا تاماقلارغا قارىسىڭىزلا ئىشتىھايىڭىز ئېچىلىدۇ.
بۇلتۇر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر جامائەت ئىشلىرى – شەھەر مۇھىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ‹‹ئازادىلىككە، خۇشاللىققا، خاتىرجەملىككە، مېھىر – شەپقەتكە، سەمىمىيلىككە تولغان›› كەچلىك بازارلارنى باھالاشتا، ‹‹1 – ماي›› كەچلىك بازىرى مۇشۇنداق بازارلارنىڭ بىرى بولدى. مەن كەچلىك بازارنى بىر ئايلانغاندىن كېيىن، ھەر بىر يايمىچىنىڭ ئاپئاق، پاكىز كىيىم – كېچەك، بۆك كىيىۋالغانلىقىنى، مەيدىسىگە ساغلاملىق – تازىلىقتا لاياقەتلىك كىنىشكىسىنى ئېسىۋالغانلىقىنى، بىر خىل شەكىلدە ياسالغان يايما ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، كىيىم – كېچەكنىڭ لايىھىلىنىشىنىڭمۇ ئۆزگىچە بولغانلىقىنى، ئەگەر خەنزۇچە تائاملار بولسا، يايمىچىنىڭ بۆكى ۋە كىيىم – كېچىكىنىڭ چىلتىكى كۆڭ رەڭلىك، يانتۇ ئىكەنلىكىنى، مۇسۇلمانچە تائاملار بولسا، بۆكى ۋە كىيىم – كېچىكىنىڭ چىلتىكى ئەتلەس ئىكەنلىكىنى، خەنزۇچە تائاملار، مۇسۇلمانچە تائاملارنىڭ يولنىڭ ئىككى چېتىگە ئايرىم جايلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ناھايىتى تەرتىپلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.
مەن يەنە ھەر بىر يايمىنىڭ ئالدىغا بىردىن قىزىل رەڭلىك ئەخلەت ساندۇقى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابى قويۇلغانلىقىنى، ھەر بىر تاماق ئۈستىلىنىڭ ئاستىدا بىردىن ئەخلەت ساندۇقى بارلىقىنى، ئارىلاپ – ئارىلاپ كۆك رەڭلىك فورما كىيىۋالغان تازىلىقچى خادىملارنىڭ يولۇچىلار يولغا تاشلاپ قويغان تاماكا قالدۇقى ۋە مېۋە شۆپىكى، قەغەز پارچىلىرىنى تازىلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
‹‹1 – ماي›› كەچلىك بازىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يەن: ‹‹بۇ يىل كەچلىك بازارغا يەنە مەخسۇس ئىككى ئەخلەت تازىلاش ئاپتوموبىلىنى سەپلەپ، كەچلىك بازارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلىدۇق. كەچلىك بازارغا يەنە سەككىز ئەخلەت ساندۇقى، ئىككى ئەخلەت توشۇش ئاپتوموبىلىنى سەپلىدۇق، ھەر قايسى يايمىلارنىڭ ئەخلەتلىرىنى يىغىپ، نۇقتىلىق ئەخلەت پونكىتىغا تۆكۈپ، كەچلىك بازارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنىڭ پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق، ›› دېدى.
يەل – يېمىش سېتىۋاتقان ۋېي جىنشىنىڭ يايمىسى ئالدىدا مەن توپتوغرا بەش مىنۇت ساقلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاندىن ۋاقتى چىقتى. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹بۈگۈنكى تىجارىتىم يامان ئەمەس، خېرىدارمۇ كۆپ، قاراڭ 40 مىنۇتقا يەتمەي تۇرۇپلا 200 نەچچە يۈەنلىك تىجارەت قىلدىم››.
ۋېي جىنشىنىڭ بېلىكىدە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى تاقايدىغان قىزىل يەڭ بەلگىسى بار ئىدى. ئامانلىق ساقلاش خادىمى قويۇش ‹‹1 – ماي›› كەچلىك بازىرىنىڭ ھازىرغىچە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن تەدبىرى بولۇپ، تىجارەتچىلەر ئارىسىدىن ئىناۋىتى ياخشى، ئابرۇيى بار كىشى بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يايمىچىلار بىلەن ئىستېمالچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرانى ھەل قىلىدىكەن.
ليۇ يەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹1 – ماي›› كەچلىك بازىرىدا ھازىر 500 دىن كۆپرەك يايما ئورنى بار بولۇپ، ئامانلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتى ئەزاسىنى ئەسلىدىكى سەككىز كىشىدىن 12 كىشىگە كۆپەيتتۇق، ئەترەتتىكى بەش ئەزا مەخسۇس كېچىلىك بازارنى چارلايدۇ، تازىلىق خادىملىرىنىمۇ ئەسلىدىكى 18 كىشىدىن 25 كىشىگە كۆپەيتتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز كەچلىك بازارنىڭ مەنزىرە چىرىغىنىمۇ باشقىدىن تەڭشەپ، چىراغنى تېخىمۇ قويۇق قىلىپ، يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز››.
مەن كەچ سائەت 8دە ‹‹1 – ماي›› كەچلىك بازىرىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا ھەر قايسى يايمىلارنىڭ % 80 ئورۇندۇقىنىڭ ئادەم بىلەن تولغانلىقىنى، ئادەملەرنىڭ كەچلىك بازارغا يەنە توختىماي سەلدەك ئېقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
مەن بۇ يەردىن ئايرىلىپ ‹‹كۈن – ئاي نۇرى›› كەچلىك بازىرى ۋە تىنچلىق كىنوخانىسى ‹‹دېڭىز ساھىلى›› مەيدانى كەچلىك بازىرىغا كەلدىم، رەتلىك تىزىلغان يايمىلار ۋە بىرلىككە كەلگەن كىيىم – كېچەكنىڭ كىشىگە بېرىدىغان تۇنجى تەسىرى ناھايىتى چوڭقۇر ئىدى. ئەمما مەن ئۈچ كەچلىك بازاردا ئىشلىتىلىۋاتقان قاچا – قۇچىلارنىڭ بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ‹‹كۈن – ئاي نۇرى›› كەچلىك بازىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان قاچا – قۇچىلارنىڭ يېمەكلىك خالتىسى بىلەن ئوراپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى؛ ‹‹تىنچلىق›› كىنوخانىسى ‹‹دېڭىز ساھىلى›› مەيدانى كەچلىك بازىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان قاچا – قۇچىلارنىڭ ‹‹شىنلى›› قاچا – قۇچا دېزىنفېكسىيىلەش شىركىتى تەمىنىلىگەن دېزىنفېكسىيىلەنگەن قاچا – قۇچا ئىكەنلىكىنى؛ ‹‹1 – ماي›› كەچلىك بازىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان قاچا – قۇچىلارنىڭ بولسا بىر قېتىملىق قاچا – قۇچا ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.
مەن يەنە بۇ ئۈچ كەچلىك بازاردىكى ئايرىم يايمىچىلارنىڭ قولى بىلەن يېمەكلىكنى بىۋاسىتە تۇتۇۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بىر يايمىچىنىڭ خېرىدار بەرگەن پۇلنى ئالغاندىن كېيىن، شۇ قولى بىلەن بىۋاسىتىلا يېمەكلىكنى خېرىدارغا ئېلىپ بەرگەنلىكىگە دىققەت قىلدىم.
|