|
مۇخبىرنىڭ مەملىكەتلىك B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى شىنجاڭ مۇسابىقە رايونى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ 12 – ماي ئاچقان 1 – قېتىملىق يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۇدا ئىككى يىل مەملىكەتلىك B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، يىلدىن – يىلغا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىۋاتقان شىنجاڭ ‹‹تەنتەربىيە لاتارىيىسى›› پۇتبول كوماندىسى بۇ يىل پۈتۈنلەي 1989 – يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ياش ماھىرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىپ، 17 – ماي يېڭى قىياپەت بىلەن شىنجاڭلىق پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى بۇ قېتىم كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنى تېخىمۇ ياخشى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن، ئىلگىرىكى يىللاردا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى سۈپىتىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقان يېشى بىر قەدەر چوڭ ماھىرلارنىڭ ئورنىغا پۈتۈنلەي ياش ماھىرلارنى سەپلىگەن. شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىن بىر قىسىم ماھىرلارنى ئالماشتۇرۇپ، كوماندىنىڭ كوللېكتىپ سەۋىيىسىنى كۆرىنەرلىك ئۆستۈرگەن. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىمقى نىشانى ماھىرلانى چېنىقتۇرۇش بىلەن بىللە، سەۋىيىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹سىنىپ كۆچۈش››، مۇمكىنقەدەر مەملىكەتلىكB دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ئىكەن. 2008 – يىللىق مەملىكەتلىك B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 3 – ماي رەسمىي باشلانغان بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبىنىڭ مەيدانىدا شەنشى ‹‹سىدا›› كوماندىسى بىلەن نۆلدە نۆل بولۇپ تەڭلەشكەن. 17 – ماي شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا نەنجىڭ ‹‹باۋتەي›› كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ يىل مۇسابىقە بېلىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئۆسكەن بولۇپ، بېلەت دەرىجىگە ئايرىلماي، 20 يۈەندىن سېتىلىدۇ.
|