|
شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ مەشىق زالىغا قەدەم باسسىڭىز، زالدىكى بەشيۇلتۇزلۇق قىزىلبايراق ۋە تامغا چوڭ قىلىپ يېزىلغان ‹‹ۋەتەننىڭ شان – شەرىپى ھەممىدىن ئەلا›› دېگەن شوئار ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدۇ. بوكس كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەرنىڭ ھەر قېتىم بۇ قىزىلبايراق ۋە شوئارغا كۆزى چۈشكەندە، ھەممەيلەننىڭ زىممىسىدىكى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، جىسمى ۋە روھى چەكسىز كۈچ – قۇۋۋەتكە تولىدۇ – دە، مەشىقكە تېخىمۇ جان – جەھلى بىلەن كىرىشىپ كېتىدۇ. شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەرنىڭ قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرىنى ‹‹ۋەتەننىڭ شان – شەرىپى ھەممىدىن ئەلا›› دېگەن ياڭراق شوئارنىڭ ھەممەيلەننىڭ جىسمى ۋە روھىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى، دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.
—بىزنىڭ بۇ شوئارنى تاللاپ تامغا يېزىۋېلىشىمىز ۋە ئۆزىمىزگە قىبلىنەما قىلىشىمىز، ئۇنىڭ بىر ياڭراق شوئار بولغانلىقى ياكى ئۇنىڭ ماھىرلىرىمىزغا ئىلھام بېرىش كۈچىنىڭ زورلىقى ۋە ياكى ماھىرلىرىمىزنى كۆپرەك ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، كۆپرەك پۇل تېپىشى ئۈچۈن ئەمەس، – دېدى باش ترېنېر ئابلىكىم ئابدۇرېشىت ‹‹ۋەتەننىڭ شان – شەرىپى ھەممىدىن ئەلا›› دېگەن بۇ شوئارغا قانداق قارايسىز؟ دەپ سورىغىنىمدا،مەن ئىزچىل ئۇنداق ئويلىمايمەن. ئەگەر مەن پۇل تېپىشنى ئويلىغان، نام – ئاتاقنى قوغلاشقان بولسام، ھەرگىز بۇ كەسىپنى تاللىمىغان بولاتتىم. مەندە ۋەتەن ئۈچۈن شان – شەرەپ كەلتۈرۈش تۇيغۇسىلا بار. مەيلى مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە بولسۇن، مەيلى دۇنياۋى مۇسابىقىلەر، ئو ت م دە بولسۇن، ۋەتەن ئۈچۈن شان – شەرەپ كەلتۈرۈش ئىستىكى مېنى داۋاملىق تىرىشىشقا ئۈندەيدۇ، ۋەتەن ئۈچۈن شان – شەرەپ كەلتۈرۈش شىنجاڭ بوكس كوماندىسى ماھىرلىرىنىڭ ئورتاق نىشانى، شۇڭا بىز ۋەتەننىڭ شان – شەرىپى ھەممىدىن ئەلا، دېگەن شوئارنى تاللىۋالدۇق. بۇ شوئار ماھىرلىرىمىزنىڭ ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى تېخىمۇ چېڭىتىدۇ.
شۇنداق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بوكس كوماندىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇسابىقىلەردە شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارالىق بوكس مۇسابىقىلىرى سەھنىلىرىدە جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، جۇڭگو بوكسچىلىقىنىڭ سەركىسىگە ئايلاندى. شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىكىلەر، جۈملىدىن شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى ئابلىكىم ئابدۇرېشىتنىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا سېڭىپ كەتكەن ‹‹ۋەتەننىڭ شان – شەرىپى ھەممىدىن ئەلا›› دېگەن بۇ ياڭراق شوئار بوكس ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ بۇ سوئالغا بېرىدىغان ئاددىي ھەم مەنىلىك جاۋابى ئىدى.
مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئىستەك، گۈزەل تۇيغۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە 22 يىلدىن بۇيان ئابلىكىم ئابدۇرېشىت بوكسچىلىق كەسپىدە نۇرغۇن قېتىم شانلىق نەتىجىلەرنى قازىنىپ، ۋەتىنىمىز ئۈچۈن زور شەرەپ كەلتۈردى.
2008 – يىللىق بېيجىڭ ئو ت م دە شىنجاڭلىق ماھىرلار چوقۇم ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇلتۇر ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2008 – يىللىق دۇنيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ماھىرلىرىمىز ئىككى مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ ماھىرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى دۇنيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىلىرىدە چېمپىيون بولالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، دېدى ئابلىكىم ئابدۇرېشىت،مەيلى قانداق قىيىنچىلىق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، بىزنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۈچۈن ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىمىز تەۋرەپ قالمايدۇ، مەملىكەت بويىچە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش، دۇنيا چېمپىيونى بولۇش، ئو ت م دە چېمپىيون بولۇشنىڭ ھەممىسىدە، ۋەتەن ئۈچۈن شان شەرەپ كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بىرلا نىشان بار، بۇ شان – شەرەپ تۇيغۇسىنىڭ ئورنىنى ھېچقانداق نەرسە باسالمايدۇ.
—سىز ماھىرلاردىن ھەر قانداق بىر ئىشتا ناھايىتى ئەستايىدىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدىكەنسىز، بۇ ماھىرلارغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن زۆرۈرمۇ؟
—ئىش قىلىشنى ئويلاشتىن بۇرۇن ئادەم بولۇشنى ئويلاش كېرەك، چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇششاق ئىشلارنى، ئۆزىنىڭ يېنىدىكى ئىشلارنى پۇختا قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا كەسىپنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىققىلى بولىدۇ، – دېدى ئۇ.
|