|
مۇخبىرنىڭ 12 – ماي ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئانا – بالىلار ساغلاملىق تۈرى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان يەكەن قاتارلىق ئون ناھىيىدە ‹‹دۆلەت ھامىلدار – تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قاتما كېسىلىنى تۈگىتىش تۈرى››، مارالبېشى قاتارلىق 25 ناھىيىدە ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلىشى ۋە خوتەن ناھىيىسى قاتارلىق نۇقتىلىق يۆلىنىدىغان 30 نامرات ناھىيىدە كەمتۈك تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرىنىڭ يېڭىدىن يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بىر تۈركۈم ئانا – بالىلار ساغلاملىق تۈرلىرى يولغا قويۇلغان.
دۆلەتنىڭ ھامىلىدار – تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قاتما كېسىلىنى تۈگىتىش تۈرىنىڭ تۇنجى قارارلىقى (2000 – يىلىدىن 2001 – يىلىغىچە) ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاستىدىكى 29 ناھىيىدە نۇقتىدا سىناق قىلىپ يولغا قويۇلغان، كېيىن بۇ تۈر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 11 ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى 40 ناھىيىگە كېڭەيتىلىپ يولغا قويۇلدى. بۇ يىل يەنە 12 ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى بۇ تۈرگە كىرگۈزۈلگەن 50 ناھىيىدىكى 564 يېزا، بازار ۋە 5988 مەمۇرىي كەنتكە كېڭەيتىلدى، نەپكە ئېرىشكەن كىشى 9 مىليون 530 مىڭغا يەتتى. بۇ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئانا – بالىلار ساغلاملىقى ساھەسىگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان، يولغا قويۇلۇش كۆلىمى ئەڭ كەڭ بولغان تۈر.
دۆلەت بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 13 ناھىيە (شەھەر، رايون)دە ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، بۇ تۈرنى يەنە 25 ناھىيىدە يېڭىدىن يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش›› خىزمىتىنى 38 ناھىيە (شەھەر، رايون)گە كېڭەيتىدۇ.
|