|
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت 15 – ماي كەچتە جۇڭگو ئاليۇمىن پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى ليۇ شياڭمىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
جۇڭگو ئاليۇمىن پاي چەكلىك شىركىتى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئاليۇمىن ئوكسىد ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇپ، ھازىر بۇ شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسى نوقۇل ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرىشتىن بارلىق رەڭلىك مېتال ساھەسىگە كېڭەيدى. ليۇ شياڭمىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەقسىتىدە كەلگەن.
كۈرەش مەخسۇت ليۇ شياڭمىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قارشى ئالدى، جۇڭگو ئاليۇمىن پاي چەكلىك شىركىتىدىكىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى ھەم تېخىمۇ كۆپ چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىگە قاتنىشىپ، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، باشقۇرۇش جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قارشى ئالدى.
ليۇ شياڭمىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ بايلىق شارائىتى ئىنتايىن ياخشى، جۇغراپىيىلىك ئورنى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، جۇڭگو ئاليۇمىن پاي چەكلىك شىركىتى بايلىق كۈچلىرىنى قوزغاپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى راۋاجلاندۇرۇشقا قاتنىشىدۇ.
|