|
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 15 – ماي گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى قىسمەن رايونلارنىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ‹‹12 – ماي›› كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى، شۇ جايدىكى خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىغا چوڭقۇر ھېسىداشلىق قىلدى ۋە دىققەت قىلدى، ئاپەت رايونىدىكى كادىرلار، ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، بەختكە قارشى قازا قىلغانلارغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى.
ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى: قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ھەممەيلەن ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. بىز گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايلارغا 2 مىليون يۈەن ئىئانە قىلىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە ياردەم بېرىشنى قارار قىلدۇق. ئىشىنىمىزكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، مەملىكەت خەلقىنىڭ كۈچلۈك ياردىمىدە، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۆلكىدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە چوقۇم ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن پولات قورغان ھاسىل قىلىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.
|