|

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ 15 – ماي چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيىدا دۆلىتىمىزگە زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى رىچارد لېۋىن (Richard Levin) ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو–ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى مائارىپنى ئاۋۋال راۋاجلاندۇرۇشتەك ستراتېگىيىلىك ئورۇندا داۋاملىق چىڭ تۇرىدۇ، پەن–تېخنىكا، مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىختىساس ئىگىلىرى ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ستراتېگىيىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويىدۇ .
|