باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا بولۇتلۇق بولىدۇ ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃19بولىدۇ
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەملىكەت خەۋەرلىرى
2008-May-16 11:16 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     .گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ چىشەن 15 – ماي ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىستىرى گۇتېرېس (Gutierrez) بىلەن كۆرۈشتى. ۋاڭ چىشەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل دۆلىتىمىز ئىسلاھات، ئېچىتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ.

     ·مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن جىلى 15 – ماي ئامېرىكا يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى رىچارد لېۋېن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. 

     ·شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى 15 – ماي چۈشتە، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئابا زاڭزۇ چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا بارغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئوبلاستتىكى جۇجەيگۇ ساياھەت ئايلانما لىنىيىسىگە بارغان ساياھەتچىلەردىن 50 نەچچە كىشىنىڭ تالاپەتكە ئۇچىرىغانلىقى، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ۋە قۇتقۇزۇش تارماقلىرى نۆۋەتتە كۈچنى تەشكىللەپ قاپسىلىپ قالغان ساياھەتچىلەرنى سىرتقا يۆتكەۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدى.

      ·مۇخبىرنىڭ 15 – ماي مالىيە مىنسىتىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە: مەركەز مالىيىسى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان تېببىي دورا بويۇملىرى ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش ھەمدە ئۇنى توشۇش ئۈچۈن، يەنە بىر قېتىم 200 مىليون يۈەن ئاجىراتقان.

      ·خەلق ئىشلىرى مىنسىتىرلىكىنىڭ ئىستاتىستىكا نەتىجىسىگە قارىغاندا، تاكى ھازىرغىچە، خەلق ئىشلىرى مىنسىتىرلىكى جايلاردىكى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارغا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدىغان چىدىردىن 127 مىڭ 580 نى،  220 مىڭ يۈرۈش يوتقان - كۆرپە ۋە 170 قۇر پاختىلىق كېيىم يەتكۈزۈپ بەرگەن.

     ·16 – ماي مائارىپ مىنسىتىرلىكى 2008– يىللىق 5– قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرگە، جۇڭگو مائارىپ تەرەققىيات فوند جەمئىيىتى ئارقىلىق پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ياردەم بەرگەنلىكىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ شۈنمىڭ مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سۇئالىغا جاۋاپ بەرگەندە مۇنداق دېدى:‹‹ مائارىپ مىنسىتىرلىكى ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قارىتا بىر قانچە خىل لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا سىچۈەندىكى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ››.

     ·پاكىستان زۇڭلىسى جىلانى 15 – ماي جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، جۇڭگونىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىك مۇناسىۋىتى  بىلەن سەمىمىي ھال سورىدى ھەمدە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە نۇرغۇن ئاممىنىڭ تالاپەتكە ئۇچىرىغانلىقى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە زور زىيان بولغانلىقىدىن تۇلىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

     ·جۇڭگو نېفىت–خىمىيە سانائىتى ‹‹سەددىچىن سىپىلى›› ماركىلىق سېلىقلاش مىيى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى شەرقىي جۇڭگو بازىسىنىڭ 350 مىڭ توننىلىق ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى 15 – ماي شاڭخەيدە رەسمىي  ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ نۆۋەتتە مەملىكەت ئىچى ھەتتا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ ئىلغار سىلىقلاش مېيى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھىسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى نۆۋەتتە شەرقىي جۇڭگو رايونىدا ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك سىلىقلاش مىيى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ يېتىشمەسلىك ھالىتىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىدۇ.

     ·جۇڭگو دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى ۋە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى 15 – ماي 2008– يىلى 6– ئاينىڭ 17– كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو پۇقرالىرى ئۆمەك بولۇپ تەشكىللىنىپ ئامېرىكىغا ساياھەتكە بارسا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

     ·شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى 15 – ماي تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال لياڭ گۇاڭليې ئۆمەك باشلاپ بېرىپ يىغىنغا قاتناشتى. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ