|
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق باش شتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى خۇي لياڭيۈ 15 – ماي ئاپەت ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر، يارىلانغانلار، قازا قىلغانلار ئەڭ كۆپ بولغان سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ميەنياڭ ئاپەت رايونىغا بېرىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى . ئۇ يەنە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش جېڭىگە قاتنىشىۋاتقان ئوفىتسېر– ئەسكەرلەر، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر–ساقچىلىرى، داۋالاش خادىملىرى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن ھال سورىدى ھەمدە نەق مەيداندا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.
خۇي لياڭيۈ مۇنداق تەكىتلىدى: نۆۋەتتە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە— قاپسىلىپ قالغان ئاممىنى قۇتقۇزۇپ چىقىش. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ۋە باش قوماندانلىق شىتابى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
|